مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار تەربىيەلەندى خەلق ئاممىسى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى

2020.01.17 13:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

  «يوللار تۇتاشتۇرۇلدى» «خىزمەت تاپتىم» «يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق» «مۇھىت ياخشىلاندى»... ئالتۇن لوڭقا، كۈمۈش لوڭقىمۇ پۇقرالارنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي بولغان زور بىر تۈركۈم پايدا - مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  خەلق ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىر ئەمەلىي ئىش بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتى

  «ھازىر كەنتىمىزدە توڭلاشنىڭ ئالدى ئېلىنغان خەلققە قولاي سۇ ئېلىش نۇقتىسى بار، قىشتا پاكىز سۇ ئىچەلمەسلىكتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق» دېدى كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى ئۈژمىلىك باغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتسەيدى ئابدۇراخمان خۇشال ھالدا.

  كېرىيە ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى مەتتوختى مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى يىللاردا قىشتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىدىكى جۈمەك ئاسانلا توڭلاپ قالاتتى، سۇ ئىچىش تەس ئىدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان توڭلاشنىڭ ئالدى ئېلىنغان خەلققە قولاي سۇ ئېلىش نۇقتىسى نۆلدىن تۆۋەن 17 سېلسىيە گىرادۇستا توڭلىمايدىغان ئۆلچەم بويىچە ياسىلىپ، ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنىڭ قولايلىق بولۇشى، ئىچىدىغان سۈيىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى».

  خەلقنىڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى. باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بەردى. «1»، يەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىش. بىرىنچى «3»، يەنى 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە بېكىتىلگەن ئۈچ ئەمەلىي ئىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ھەر يىلى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش؛ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، ھەربىر ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىككىنچى «3»، يەنى 2 - تۈركۈمدىكى ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، يەنە ئۈچ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىشنى ئېنىق بېكىتىپ، ئامما خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇختا ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك، مۇھىم مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ئالدى - كەينىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىغا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ھەققىنى %100 ئاتچوت قىلىش، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى %90 ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 346 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، 9355 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ كۆچۈپ كىردى؛ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 860 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ قەلبىگە ياققۇدەك قىلدى.

  «ھازىر كەنتىمىزدىكى تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تارقاتقان ھەقسىز دورىنى ئالىدۇ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقارمايدىغان بولدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە ئىنتايىن رەھمەت!» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى ئىگىز يەر يېزىسى يۇقارقى ھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن ئەنۋەر، ھەر قېتىم بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ دائىم ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ.

  تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «بالدۇر دىياگنوز قويۇش» «بالدۇر داۋالاش»نى نىشان قىلىپ، خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى تۈزۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى يۇقۇم مەزگىلىدە ئايرىپ داۋالاش، يۇقمايدىغان مەزگىلدە ئاغرىقلارغا قارىتا «مەركەزلىك دورا ئىچكۈزۈش+ئوزۇقلۇق ناشتىلىق»دىن ئىبارەت ئائىلىدە داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرىنى يولغا قويغاچقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تۇبېركۇليۇز يۇقۇمى كۆرۈنەرلىك ئازلاش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  ئۆزگىرىش پۇختا جاۋاب، ئەمەلىيەت كۈچلۈك ئىسپاتتۇر. ھەر مىللەت ئامما بارغانسېرى تومپىيىۋاتقان ھەميېنىدىن بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ھالىتى، تەرەققىيات مۇھىتىدا ئۇلارنىڭ بەختنى ھېس قىلىشى كۈچەيدى.

  تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەر بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتى

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى جوۋ ۋېيگونىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بىر دورىخانا ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن دورىخانىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئۇزاق يىل بولغان ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇش خەۋەر ئىدى. «ھازىر <سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل دەپتىرى>نى ئېلىپ، ئىشىك ئالدىدىكى دورىخانىدىلا دورا ئالىمەن، ئەمدى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆچرەت تۇرمايدىغان بولدۇم» دېدى جوۋ ۋېيگو خۇشال بولغان ھالدا.

  ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئامما ئىنكاس قىلغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا يازدۇرسا، ئۆچرەت تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، ۋاقىت، كۈچ ئىسراپ بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلىرى ئۈچۈن دورا سېتىۋېلىش يولىنى كېڭەيتىشنى تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن دورىخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋالسا، ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالاش خىراجىتىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىدىن چىقىم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان قىلدى.

  مەسىلىگە تېگىش قىلغاچقا، ئامما ياخشى باھا بەردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مائارىپ - سەھىيە، يېمەكلىك - دورا، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئاسراش، قاتناش - تىرانسپورت، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى... باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان سەككىز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈردىكى تۈزەشنى كەم - كوتىسىز ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يەنە ئىككى تۈردىكى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، مەخسۇس لايىھە تۈزۈپ، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، تىزىملىك دەپتىرى شەكلىدە باشقۇرۇپ، تۈزەشنىڭ ئۈزۈل - كېسىل بولۇشى، ياخشىلاشنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.

  ئالتاي ۋىلايىتى «ئېغىر كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئوبوروت فوندى»تەسىس قىلىپ، ئېغىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، ھەتتا داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. چىڭگىل ناھىيەسى ئارال يېزىسى كەڭمويناق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رازىيە زەينەرخان دەل مەزكۇر فوندتىن نەپ ئالغۇچىدۇر. كەنت كادىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ چىڭگىل ناھىيەلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن 40 مىڭ يۈەنلىك ئېغىر كېسەل ئوبوروت مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، ئوپېراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىر مەيدان جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان قاتتىق جەڭ، نامرات ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ بىر قىيىن ئىش. «مەن باقمىچىلىق ۋە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يىللىق كىرىمىمنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردۇم، بۇنى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 2020 - يىلى مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىمەن» دېدى چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت رەجەپ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەخمەت رەجەپكە ئوخشاش نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دېھقانلار ئاز ئەمەس. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇل سىياسىتى ماس مېخانىزمىنى ئورناتتى، نامرات ئائىلىلەر ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشلاش مەبلىغىگە ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

  تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن بولغان، ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىلارغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن تەدبىرلەر پۇقرالارنىڭ قەلبىدىكى تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئايلىنىپ، ئىللىق خەلق تۇرمۇشى سەھىپىسىنى پۈتتى.

  خەلق تۇرمۇشى ئارزۇلىرى بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشتى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچەش نۇقتىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، شەھەر - بازارلارنى تۈزەش، مائارىپ، داۋالىنىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە قويۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق توپلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى؛ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر كۈچەش نۇقتىسىنى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋان تەمىناتىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە قويۇپ، ياش ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق توپلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى.

  «ھازىر يېڭى ۋوگزال ئۆيگە يېقىن، يەنە نۇرغۇن لىنىيەنىڭ ئاپتوبۇسى بىۋاسىتە بارىدۇ، 20 مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق!» دائىم پويىزغا ئولتۇرۇپ بورتالا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرىدىغان بورتالا شەھىرى ئاھالىسى خۇاڭ شۇيىڭنىڭ ئەمدى ئىككى سائەت بۇرۇن پويىزغا ئۈلگۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا شەھىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋوگزالنى شەھەر رايونىغا قۇرۇش تەكلىپى توغرىسىدىكى كۈچلۈك ساداسىغا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريولى بورتالا ئوبلاستى لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئوبلاست، شەھەر ئىككى دەرىجىنىڭ مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دەپ قاراپ تېز ئالغا سىلجىتتى. 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى بورتالا ئوبلاستى لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش - تىجارەت باشلىنىپ، ئەسلىدىكى پىلاندىن سەككىز ئاي بۇرۇن، بورتالا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ پويىزغا ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلىپ، «ئىشىك ئالدىدىلا» پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

  ئاممىنىڭ ئارزۇ نۇقتىسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىدۇر. باش تېما تەربىيەسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئامما غەم قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىپ، «كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان» ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارغا جاۋاب قايتۇردى.

  «مەھەللىمىزدىكى ئۆيلەرنىڭ تام - تورۇسلىرىنىڭ نەملىشىپ قېلىشىنى تۈزەش ۋە ئۆگزىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى ئاساسەن پۈتتى، ئاخىر ئۆي تاملىرىنىڭ نەملىشىپ قېلىش، پار ئىسسىماسلىق مەسىلىلىرى ھەل قىلىندى، كۆپچىلىك ھەممىمىز ناھايىتى رازى بولدۇق.» قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىنخې يولى كوچا باشقارمىسى بېيدوۋ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سۇ مېيشيا مۇنداق دېدى: بېيدوۋ مەھەللىسى 1993 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن بىنالاردا ئۆي تاملىرى نەملىشىپ قېلىش، ئۆگزىلەردىن تامچە ئۆتۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكەنىدى.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، قاراماي شەھىرى تەربىيەنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كونا مەھەللىلەرنى رېمونت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇشنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئامما «رازى بولمىغان» ئۈچ مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

  «بىر يۈەن بىلەنلا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شەھەرگە بېرىش ئىشقا ئاشتى» «ئۈزۈك يوللار تۇتاشتۇرۇلدى» «ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئېلىش بىر كۆزنەكتىلا پۈتىدىغان بولدى» «ئاپتوموبىل توختىتىش قولايلاشتى»... پۇقرالارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە، قەلبلەرنى ئىللىتىشنىڭ ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

  ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ زىممىمىزدە. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەيدىغان ئەسلىي مەقسەت باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئىزچىل سىڭدۈرۈلدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، مۇشۇنداق ئەسلىي مەقسەتمۇ جەزمەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشقا، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەختى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ