مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

2020.01.17 13:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2020 - يىللىق 1 - قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئۆگىنىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020 - يىلى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تۈرلۈك سەييارە تەكشۈرۈشىگە قارىتا قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە «قايتا قاراپ چىقىش»نى پۇرسەت بىلىپ، مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى تونۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، نىشان - ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاممىۋى ئاساس سېلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، دىققەت نۇقتىسىنى چېچىۋەتمەي، نىشان مەركىزىنى ئۆزگەرتىۋەتمەي، ئەڭ قىيىنچىلىق بار جاينى چىڭ كۆزلەپ، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆزلەپ، ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى راست نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»قا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ