ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

2020.01.16 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  − 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا بېرىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن

  1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  (گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ھۆرمەتلىك ئەزالار:

  مەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  1. 2019 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجادىي ئەھمىيەتكە ۋە ئابىدە ئەھمىيىتىگە ئىگە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنى چاقىرىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»نى چىقىرىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ماكانىنى ياراتتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېما ھەمتۈرتكىسىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  (1) ئىجادىي نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى پۇختىلىدۇق.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق. دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى توتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈردۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە كادىرلار 1171 مەيدان قېتىم پارتىيە دەرسى سۆزلىدى، 1413 مەيدان قېتىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ئىلغار تىپلار تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسى ئېلىپ باردى، 1670 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تۈرلۈك مەسىلىدىن 3116نى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تۈزەتتى، بۇنىڭ بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىشىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىغا يەتتۇق، باش تېما تەربىيەسى بىلەن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتى بىر - بىرىگە تۈرتكە بولۇش، تەڭ يۈكسىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتۇق.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇردۇق. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدۇق. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇملۇقنى ئىدارە قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتەك رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشقا دائىر تۈزۈم بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە يوليورۇق سوراش - دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا مۇھىم، زور ئىشلار، مۇھىم كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرى ھەققىدە 75 قېتىم يوليورۇق سوراش دوكلاتى ۋە دوكلات يوللاپ، 62 قېتىم پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەرگىچە سىلجىتىلغان بولسا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە سىلجىتىش، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەتنى شۇ يەرگىچە مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 8 مەخسۇس كومىتېتتا شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇردۇق، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، پارتىيەلىك ئەزالارنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى قوش باشقۇرۇش، پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسى، مەخسۇس كومىتېت شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئورگان پارتكومى، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي كېڭەشتە ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى تەشكىلىي سىستېما، تۈزۈم - مېخانىزم جەھەتتىن ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردۇق.

  ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، كېڭىشىش، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، تەسىر كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تىرىشىپ ئىشقا سېلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىي ئوق قىلىنغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن دائىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقنى ساقلاپ قېلىپ، ئوخشاشلىقلارنى كۆپەيتىپ، پەرقنى تۈگىتىپ، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئورتاق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن سۇپا ۋە شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، 25 پارچە يىغىن سۆز ماتېرىيالى، 104 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدۇق. جۇڭگولۇق چياۋمىنلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدۇق.

  (2) مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلدۇق.

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدۇق. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي ياخشى ئىشلىدۇق. مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا قارار»نى چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدۇق. «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇش»نى مۇھاكىمە تېمىسى قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق، ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، لايىھەمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تولۇق قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈردۇق. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى قاتارلىق نىزام - تۈزۈملەرنى چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق.

  چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، كارخانا ۋەكىللىرىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىجادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «يىغىپ قاچىلاش، يىغىپ توشۇش» كەسپىنى قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار ھەققىدە چارە - تەدبىر كۆرسەتتۇق. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىقلار ھەققىدە چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئۈرۈمچى نان مەدەنىيىتى كەسىپ باغچىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدۇق، بۇ ھەقتىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىمىزنى ئۈرۈمچى شەھىرى پائال قوبۇل قىلدى. ئات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدۇق، ئەزالارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللىدۇق، ئات بەيگىسى ۋە مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈش، ئات كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق چارە - تەدبىرلىرىمىز «شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئات كەسپى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى»دا تولۇق قوبۇل قىلىندى. رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى ئۆتىڭى قۇرۇلۇشى ھەققىدە سىچۇەن قاتارلىق 12 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىلەن ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورناتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا دۆلەتنىڭ سىياسەت مەدىتىنى ئورتاق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، غەربىي شىمالدىكى نىڭشيا قاتارلىق 5 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.

  پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈردۇق، «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» قاتارلىق ئاق تاشلىق كىتابلارنى چوڭقۇر ئۆگەندۇق ۋە تەشۋىق قىلدۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىر - ئاممىسىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق. «شىنجاڭدىكى دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش»نى قارالما قىلىپ ئايلىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى گۇۋاھچى قىلىپ، تارىخنى سۆزلەتكۈزۈپ، كەسىپنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدۇق، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان - قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى تەشۋىق قىلىش ۋاسىتىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەكلىپ - پىكىرلىرىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پائال قوبۇل قىلدى. دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق.

  (3) خەلق ئۈچۈن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى نامايان قىلدۇق.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قازىنىشنى زىچ چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر نامرات ناھىيە - شەھەرلەرنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچەش»نى چۆرىدەپ، مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىپ، مەركەزلىك ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشتا ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. «چېگرا قوغدىغۇچىلىرى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش»نى قارالما قىلىپ ئايلىق كېڭىشىش - سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئېچىپ، چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق چارە - تەدبىرلەرنى كۆرسەتتۇق. رەھبىرىي كادىرلار نامرات ناھىيە، نامرات كەنت بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە نامرات ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 446 نامرات كەنت، 8900دىن ئارتۇق ئائىلىلىك نامرات ئامما بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ مارالبېشى، پەيزاۋات ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق 15 نۇقتىسىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، 5 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققان ئاساستا، 2019 - يىلى يەنە 8 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشتىن كېيىنكى تۈزىتىشكە دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشقا مۇجەسسەملىدۇق، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە پەن - تېخنىكا ھەرىكىتى، نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش بويىچە تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پائال ئېلىپ باردۇق، «مىڭلىغان كارخانا مىڭلىغان كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، «پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، كارخانىلار كەسىپلەر بويىچە 1 مىليارد 954 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىپ، 275 مىڭ 200 نامرات ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا داۋاملىق كۈچىدۇق. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا <ھاجەتخانا ئىنقىلابى>نى تېز ئالغا سىلجىتىش»نى قارالما قىلىپ ئايلىق كېڭىشىش - سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئېچىپ، يېزىلاردا ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، ئاسراش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزىلاردا تازىلىق - ساغلاملىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇلارغا ئايرىم - ئايرىم تەستىق سالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە نازارەت قىلدۇق، مائارىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىختىساسلىقلىرى قولدىن كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. يۈننەن، چىڭخەي، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەرگە ماسلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتتۇق. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، مۇزلۇق داۋان، قارلىق دالانىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش كەسپى تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق، سانجىدا گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن 2019 - يىللىق جۇڭگو ساغلاملىق - كۈتۈنۈش كەسپى (شىنجاڭ) تەرەققىياتى يىغىنىنى ئاچتۇق، نەق مەيداندا كەسىپكە مەبلەغ سېلىش تۈر كېلىشىمى ئىمزالاندى، كېلىشىم مەبلىغى 12 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، يېشىل ئېنېرگىيە قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانمىغا ئىگە قىلدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريانى كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دائىملىق ئېلىپ بېرىپ، دەريانى باشقۇرۇش - قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 6 نۆۋەت 28 تۈركۈم قېتىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 200 نەچچە مەيدان قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، ئاممىغا 1500دىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 15 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە ئورگان كادىرى 13 مىڭ ئائىلىلىك ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئاممىنى 3 مىليون 90 مىڭ ئادەم قېتىم يوقلىدى، 40 مىڭ مەيدان قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 55 مىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلدى، 1541 تۈرنى يولغا قويدى، 330 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. «خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتى»دە پۈتۈن مەملىكەتكە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش ۋە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇق. رەھبىرىي كادىرلار دىنىي سورۇن، دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، «ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش» تۈزۈملىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مايىل قىلدۇق ۋە مۇجەسسەملىدۇق.

  (4) ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «ئۈچ چوڭ ماركا»سىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . شەبنەم مۇنبىرى» ئۆگىنىش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، «بىردەكلىكنى ساقلاش ئۆگىنىش مۇنبىرى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق ھەققىدە ئايلىق سۆھبەت، ئەزالار فۇنكسىيەنى ئادا قىلىپ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، ئىش ئورنىدا ماھارەت يېتىلدۈرۈش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەخسۇس ئىستوننى تەسىس قىلدۇق، ئەزالار لېكسىيەسىدىن 80 نەچچە مەيدان قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى پۇختىلىدۇق؛ «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . تىيانشان تېغىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» تەشۋىقات ئالدىنقى سېپىنى يارىتىپ، «توردا شاۋقۇن بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىش، گېزىتنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ژۇرنالنىڭ خاسلىقى بىلەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلەش، كۇتۇپخانىدا سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەر ساقلىنىش، خەتتاتلىق - رەسساملىق يۇرتىدا قىممەتلىك ئەسەرلەر بولۇش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ بازىنى چىڭ ئىگىلىدۇق، ئەزالار ۋە كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مەدھىيەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ياخشى ئاۋازىنى تارقاتتۇق، كۈرەش قىلىشتىكى ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق؛ «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . بىرىكمە مۇشت سۇپىسى» مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى سېپىنى ھاسىل قىلدۇق. «ياراملىق كادىرلار <ئۈچ ئەل> خىزمىتىدە، 1 - شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، چىن كۆڭلىدىن تۆتتە بىللە بولۇپ تۇغقانلىشىش، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ قۇرۇلۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ پۇختىلىدۇق.

  تەكلىپ خىزمىتى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى تەكشۈرۈش» ئاساسىدا ئەنگە ئېلىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، تەكلىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچىدۇق، 758 تەكلىپنى تەكشۈرۈپ، 540 تەكلىپنى ئەنگە ئالدۇق، بېجىرىش نىسبىتى %100 بولدى. A خىل، B خىلدىكى تەكلىپ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش ھەققىدە تەكلىپ قاتارلىق 5 نۇقتىلىق تەكلىپ تولۇق بېجىرىلىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. «خەلق سىياسىي كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەققىدە خاتىرە»گە يوللانغان ماقالىنىڭ سانى، سۈپىتى، ئىشلىتىلىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى ھەققىدە خاتىرە»نى نەشر قىلىپ تارقاتتۇق، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى ھۆسنخەت ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ۋە تارىخىي ماتېرىيال مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، تاجىك، شىبە، قىرغىز مىللىتىنىڭ 100 يىللىق ئەمەلىي خاتىرىسىگە دائىر 1 مىليون 700 نەچچە مىڭ خەتلىك ماتېرىيالنى توپلىدۇق، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خاتىرىسى»، «چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ھەققىدىكى خاتىرىلەر»نى توپلاش خىزمىتىنى سالماق ئالغا سىلجىتتۇق.

  فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا پائال تۈرتكە بولدۇق. يىغىن تەشكىللەش ئۇسۇلىنى ياخشىلىدۇق ۋە يېڭىلىدۇق، ئايلىق كېڭىشىش - سۆھبەتلىشىش يىغىنىنى تۇتاشتۇرۇپ سىنلىق ئېچىش، يىراقتىن كېڭىشىشتە يېڭىلىق ياراتتۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات قاتارلىقلار ھەققىدە ئىزاھات بەردۇق. ئەزالار دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، مۇھىم كېڭىشىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، يېزا - بازار ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسى بىلەن كېڭىشىش پىلانىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، كېڭىشىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەستىقلىغان كېڭىشىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، 30 نەچچە مەيدان كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ۋە 120 نەچچە مەيدان قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردۇق، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى» ژۇرنىلىنى يېڭىلاپ بېتىنى ئۆزگەرتتۇق، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆرسەتكەن چارە - تەدبىرلەر»دىن 76 سان، «سىياسىي كېڭەش مۇھىم ئەھۋاللىرى»دىن 45 سان چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدۇق.

  (5) تەلەپچان، راستچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق.

  فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتى تۈزۈمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈردۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش پىكرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى چۆرىدەپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، پارتىيە سىياسىي كېڭەشكە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىقلاردا چىڭ تۇردۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئومۇمىي يىغىننىڭ خىزمەت قائىدىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت قائىدىسى، ئەزالار ئۆگىنىشى ۋاقىتلىق چارىسى قاتارلىق 23 تۈزۈمنى تۈزىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق.

  ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق رولى ۋە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش» يوليورۇقى، تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئەزالار فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش دوكلاتى تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلدۇق ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، دائىمىي كومىتېتنىڭ 118 ئەزاسى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇردى، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ پارتىيەلىك ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم باھالىدى، ئەزالارنىڭ «يىللىق تاپشۇرۇق»نى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مەخسۇس كومىتېتلار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇردۇق، مەخسۇس كومىتېت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق. ئەزالارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ چىقتۇق.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق ۋە ئىزچىللاشتۇردۇق، پارتىيە ئىنتىزامىنى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى، خەلق ئۈچۈن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نىزامنامىگە ئاساسەن، 8 ئەزانىڭ ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى، 12 ئەزانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر 551 ئەزانىڭ ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى، 287 ئەزانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى.

  سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكلىپنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، كېڭىشىش - سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلاشتۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، ئوبرازىمىزنى نامايان قىلدۇق؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ماسلىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنى يىراقتىن تەربىيەلەش، سىن توپلىمى ئىشلەش ۋە نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا ماقالە توپلاش خىزمەتلىرىنى تاماملىدۇق، نۇرغۇن ماقالىلەر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىنىڭ سۆز ماتېرىيالى قىلىندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق، ئەزالار مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئارقىلىق 100 پارچە تەكلىپ سۇندى، يىغىندا 122 قېتىم سۆز قىلدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى توپلاش - تارقىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەر دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىدى. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەر، بىڭتۇەننىڭ قارىمىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتۇق، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتۇق، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي كېڭەشلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، لېكسىيە - كونسۇلتاتسىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇق، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى يوقلىدۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىدە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

  ھۆرمەتلىك ئەزالار، ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقى، قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى شۇنىڭدەك شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  ھۆرمەتلىك ئەزالار، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يەنە بەزى ئاجىز ھالقىلار ۋە يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا، ئاساسلىقى: مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، تەڭ كۈچ چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋە ئۇلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار. بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  2. 2020 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

  2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە قويۇلغان خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  (1) ئىدىيە - نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېتەكچى قىلىنغان ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى بېيىتىپ، سىياسىي كېڭەشنى تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى، قەلبتىن ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم مەخسۇس خىزمەتلەر ھەققىدە ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . شەبنەم مۇنبىرى» قاتارلىق ئەزالار دەرسخانىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي كېڭەشتە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (2) ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باش تارتماي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»غا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئوبدان قىلىپ، «ئۈچ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلبنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى يولغا قويۇش، يەرلىكنى ئىدارە قىلىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ئاتلىنىش ۋە فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە نەتىجىسىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ۋە «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشقا كۈچەش كېرەك. «ئۆزئارا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس كېڭىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى كۆپ قاتلامدا، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە كۆپ خىل شەكىلدە باردى - كەلدى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامراش بوشلۇقىنى ئەڭ زور چەكتە تۈگىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئەڭ زور چەكتە يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش، ئەلرايىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇتۇش ۋە مايىل قىلىش كېرەك. چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم كېڭىشىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

  (3) مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پائال مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەسەيتىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق مەسىلىلەر، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، «تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»، «ئائىلە، مەھەللە، ئاپپارات بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش»، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش» قارالما قىلىنغان ئايلىق كېڭىشىش - سۆھبەتلىشىش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى «توققۇز جەھەتتە كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىشقا كۈچەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىشنى كېڭىشىش جەريانىغا سىڭدۈرۈش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كەسپىي مائارىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، كېڭەشمە نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  3. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىلغارلىقىنى نامايان قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلبنى مۇجەسسەملەش، كۈچ قوشۇش ۋە بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش خاراكتېرىنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىغا خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ئۇنىۋېرسال يۈكلەنگەن، ئۇ ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خاراكتېر بېكىتمىسىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى، يېڭىدىن يىغىنچاقلانغان تەڭ كۈچ چىقىرىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى، «ئۈچ مۇھىم» خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىشىش، بۈيۈك بىرلىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھات - تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى پارقىرىتىشىمىز كېرەك. ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەر ۋە بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر مۇھىم بازا، مۇھىم سۇپا، مۇھىم يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئاساسلىق خىزمەت قىلىپ، «سۇپا يارىتىش»نى ئاساسلىق خىزمەت ئۇسۇلى قىلىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىلىپ، «ئىش بولسا ئوبدان مەسلىھەتلىشىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلار، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مەركىزىي نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، كۆپ خىل كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پارتكوم ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش بىلەن بىرلىكتە يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تۈزۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۈرتكە بولۇشنى زۆرۈر ھالقا قىلىپ، كېڭىشىشنى تەدبىر بەلگىلەشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىش ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇش، كۆپ قاتلاملىشىش ۋە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەلدىن مەسلىھەت ئېلىش، ئەل ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەزالار فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ھەر خىل ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش سۇپىسىنى تەسىس قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ كېڭىشىشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشىنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۇللۇق ھالقا سۈپىتىدە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئېنىقلاپ، چوڭقۇر تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، جايىدا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ كېڭىشىش، خىزمەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۇل خىزمىتى ئاجىز بولۇش، ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، كۆزدىن كەچۈرۈش - تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، تارىخىي ماتېرىياللار، ئاخبارات - تەشۋىقات، نەزەرىيە تەتقىقاتى قاتارلىق دائىملىق خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەخسۇس كومىتېتنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېتلار ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەخسۇس كومىتېت خىزمىتىنىڭ مەخسۇسلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساھەلەر خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەلەر فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ ئۇسۇل - شەكىللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ساھەلەر خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەتچان ئەزانىڭ قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەت ئۈچۈن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش» دېگەن تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا كەسىپنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك كېڭىشىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش داۋامىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالىي نوپۇزى، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر ئىشەنچلىك بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ھەقىقىي قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش» جەھەتتە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، «ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساھەدىكى ئامما بىلەن پائال، تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىپ، موھتاجلىقتا جانغا ئەسقاتىدىغان، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى، دىلنى يورۇتىدىغان، گۇماننى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرىدىغان، زىددىيەتنى پەسەيتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە ساداسىنى ئىنكاس قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلغۇچىغا خاس قىياپەت ۋە غەيرەتنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىشلىشى كېرەك.

  ھۆرمەتلىك ئەزالار! يېڭى دەۋر يېڭى بۇرچنى يۈكلىدى، يېڭى سەپەردە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى - تەلىپى بويىچە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ