مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆگىنىش ئىستىلى تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى ئىستىل تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى مەسئۇلىيەتچانلىق تېخىمۇ كۈچەيدى

  − ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

2020.01.16 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، قۇرۇق ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىدە تاۋلىنىش جەريانىدا، خىسلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، توغرا كەيپىياتنى چىڭىتىپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، يەنىمۇ جاسارەتكە تولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى.

  ئۆگىنىش ئىستىلى تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى غايە - ئېتىقاد ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردى

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەستايىدىل ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىدى، ئىدىيە، روھ جەھەتتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، بىر مەيدان كەسكىن پارتىيەۋىلىك چېنىقىش ۋە سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈردى.

  بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ئۆگەنگەنسېرى نەزەرىيە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىمىزنى، تونۇشىمىزنىڭ يۈزەكىلىكىنى شۇنچە ھېس قىلدۇق، ئۆگەنگەنسېرى كۆڭلىمىزنىڭ يورۇغانلىقىنى، ئىدىيەمىزدىكى قويۇق تۇماننىڭ تارالغانلىقىنى شۇنچە ھېس قىلدۇق، دائىم ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.

  «ئىلگىرى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆگىنەتتۇق، تەربىيەلىنىش ئۈچۈن تەربىيەلىنەتتۇق، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن بېسىپ ئولتۇرۇپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، چوڭقۇرلاپ ئۆگەندۇق.» كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر مەزگىل كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش، چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىش ئارقىلىق، نەزەرىيە جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان پارچە - پۇرات بىلىملىرىنىڭ سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى، ئېنىق بولمىغان تونۇشلىرىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى، خىزمەتتىكى نۇرغۇنلىغان كەمتۈكلۈكلەر، قىيىن مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنىمۇ نەزەرىيە جەھەتتىن تاپقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۈچ ئاق تاشلىق كىتابنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خاتىرە سارىيى قاتارلىق تەربىيە بايلىقلىرىغا تايىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى؛ قەشقەر داشۆسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەكرار ئۆگىنىپ، «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش»تا چىڭ تۇردى؛ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى «يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشتىكى تۆت سوئال» بويىچە ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى. جۇڭتەي گۇرۇھى، شىنتوۋ گۇرۇھى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى «نەزەرىيە+كەسىپ»تە قوش يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە نامايان قىلدى...

  سىستېمىلىق ئۆگىنىش، يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزانى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىگە نەقىش قىلىپ ئويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

  ئىستىل تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇپ ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تاشتى

  باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇردى.

  باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاش، يىغىنلارنى ئازايتىش، تەكرار باھالاشنى تۈگىتىش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇق ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى، مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيەسى، نەزەرىيە كونسۇلتاتسىيەسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمىدى، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تەسىرات ماقالىسى يېزىش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويمىدى، «ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلى»، «تەشتەك مەنزىرىسى شەكلى»دىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانمىدى...

  ئارشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى جاڭ يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر مەلۇمات جەدۋىلى ئازايدى، يىغىن ئازايدى، تەكشۈرۈش ئازايدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئىش قىلىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، بىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى سەرپ قىلىپ ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان بولدۇق».

  باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىسى، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خىزمەت يۆنىلىشى قىلىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، چىن كۆڭلىدىن ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. ئامما خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كادىرلارنىڭ ئىستىلى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، قىيىنچىلىقىمىز بولسا كادىرلار ئىشىكىمىزگىچە ئىزدەپ كېلىپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئېلىپ بېرىلغىنى ياخشى بولدى».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دىققەتنى ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزنەكلەرنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارى، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قارىتا دەل جايىدا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، توردىكى، تور سىرتىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە «ياخشى ياكى ناچار باھا بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئىش بېجىرگەن ئامما، كارخانىلار مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە باھا بېرىدىغان بولدى. «ھازىر تەرتىپ ئاددىيلاشتى، ئىش بېجىرىش تېخىمۇ قولايلاشتى، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى شىنجاڭ دۇڭجيا دادى كانچىلىق تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ كېۋېي خۇشال ھالدا.

  پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇشتا، جەزمەن ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىدىكى ئاغرىش نۇقتىلىرىنى بىر - بىرلەپ ساقايتتى، قىيىن نۇقتىلارنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلدى.

  1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 2019 - يىلى 12 - ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى جەملەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ ئايدا جەمئىي 182 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 188 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، 167 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قۇربانجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «بىز باش تېما تەربىيەسىنى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەم خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي بولغان تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتۇق».

  ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  مەسئۇلىيەتچانلىق تېخىمۇ كۈچەيدى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى

  باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلارنىڭ ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۆگىنىشتە تەپەككۇر قىلىپ، ئۆگىنىشتە ئۆزلەشتۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى؛ ھەرقايسى كارخانا، ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى تىرىشىپ تېپىپ چىقتى؛ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى، ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچى توپلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر ئون ماددا»نى تۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى؛ شىنجاڭ داشۆ جۇڭشەن داشۆ بىلەن بىللە «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەجرىبىخانا»نى ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى...

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولماقتا، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، تۈرلۈك دېلولار سىجىل ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچ كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  تۇرپان شەھىرى ساياھەتچىلىكنىڭ شىددەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارىتا، باش تېما تەربىيەسىدە ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ساياھەت ئىقتىسادى مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، چەكلىك مۇددەتتە ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە زور تۈركۈمدىكى ساياھەت كارخانىلىرىنى تۇرپان شەھىرىدە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  «ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى قوللاش سالمىقى ناھايىتى زور بولدى، بىزگە توك ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش ھەمدە كىنىشكا بېجىرىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىپ مۇلازىمەت قىلىپ، بىزگە تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى 2019 - يىلى تۇرپان شەھىرىگە ماكانلاشقان «يار گۈللۈكى» پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ مەسئۇلى لى يۈنخۇي.

  ئەسلىي مەقسەتنى تۇرغۇزۇش ئاسان، باشتىن - ئاخىر ساقلاش قىيىن. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي، كەسكىن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۆز خىزمىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، خىرىس ئالدىدا چېكىنمەي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ