مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھازىرقى تۇرمۇشىمىز گۈزەل ھەم خاتىرجەم

2020.01.16 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − شىنجاڭ كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئابدۇقېيۇم روزى ئائىلىسىنى قايتا زىيارەت

  خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ يەن، ئارداق

  ئائىلەڭلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇ سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقىنى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلار پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. مەن سىلەرنىڭ پارتىيە سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

  − شى جىنپىڭ

  كەڭ ئاسفالىت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، بىر قورۇ يەنە بىر قورۇغا يانداش سېلىنغان بولۇپ، قاراشتا ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. بىر خىل رەڭدىكى قىزىل دەرۋازىلار ئارىسىدا، ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ سېرىق رەڭدىكى دەرۋازىسىنى ناھايىتى ئاسان تاپقىلى بولاتتى.

  بۇ يەر شىنجاڭ كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتى 8 - گۇرۇپپىسى. 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مانا مۇشۇ دەرۋازىدىن كىچىك ھويلىغا كىرگەن، ئۆي ئىگىسىنىڭ ياتاق ئۆيى، ئاشخانىسى، كالا - قوي قوتىنى، مېۋىلىك بېغى، دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەن ھەم ھويلىدا يۇرتداشلار بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە مۇڭداشقانىدى.

  «بۇ نەچچە يىلدا، ئائىلەم ۋە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىز باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىغا ئىنتىزار بولۇۋاتىمىز» دېدى ئابدۇقېيۇم سەمىمىيلىك بىلەن.

  مىننەتدارلىقنى قەلبكە پۈكۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش

  «بۇلتۇر، ئۆيىمىزدە قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە كۆكتاتتىن سىرت، يەنە گۈل ئۆستۈردۇق. ئەگەر باش شۇجى يەنە كەلسە، مەن ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىمەن، گۈل بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ سىمۋولى!»

  مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئابدۇقېيۇمنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى، بۇ كۈلكە كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇشتىن كەلگەن.

  ئابدۇقېيۇم مۇنداق ھېسابات قىلدى: بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئىلگىرى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئاساسلىقى مېنىڭ تىراكتور بىلەن باشقىلارنىڭ يېرىنى ئاغدۇرۇپ، زىرائەتلىرىنى ئورۇپ يىغىپ بېرىشتىن تاپقان پۇلۇمغا تايىناتتۇق، يىللىق كىرىمىمىز 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىدى؛ ھازىر، تىراكتور ھەيدىگەندىن سىرت، مەن خوتۇنۇم ئايشەمگۈل ئېزىز بىلەن يەنە كالا ۋە كەپتەر بېقىپ، گۈل ئۆستۈرۈپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمىز.

  «ئالدىنقى قېتىم باش شۇجى كەلگەندە، مەن ئۇنى مېۋىلەر پىشقاندا يەنە كېلىپ تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغانىدىم. بۇلتۇر، ئائىلىمىزدە قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە كۆكتاتتىن سىرت، يەنە گۈل ئۆستۈردۇق. ئەگەر باش شۇجى يەنە كەلسە، مەن ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىمەن. گۈل بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ سىمۋولى!» دېدى ئابدۇقېيۇم.

  تېخىمۇ راھەت ئولتۇرىدىغان بولدۇق. ھويلا - ئاراننى تۈزەش تۈرىنىڭ پايدىسىدىن ھويلىمىزنىڭ توپا تېمى سېمونت خىش تامغا ئۆزگەردى. ھويلىمىزنىڭ يەر يۈزى پۈتۈنلەي قاتتىقلاشتۇرۇلدى. ھويلىغا كىرگەندە، تەرتىپ بويىچە تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىغا ئايرىلىدۇ، پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ئىلگىرىكى «ئۈچ رايون» ئايرىلمىغان كونا قىياپەتكە زادىلا ئوخشىمايدۇ، ئۆيدە ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايال خوجايىن يەنە سافاغا ئاق رەڭلىك يىپەك ياپقۇچ يېپىپ قويدى. توك پار بولغاچقا، ئۆينىڭ سىرتىدا قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ، ئۆي ئىچى باھاردەك ئىللىق.

  «ياخشى كۈنلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن. بىز باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.» 2014 - يىلىدىن باشلاپ، ئابدۇقېيۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس سۇنۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچى بولدى.

  ھەسەنجان مەخەت كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇ يىللاردا ئابدۇقېيۇمنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتى − ئابدۇقېيۇم ئالدى بىلەن ھەقسىز يەر ئاغدۇرۇپ زىرائەتلەرنى يىغىپ بەردى، كېيىن كۆكتات تېرىش، كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەنە ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى كەنتتىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ سۈپۈرگە بوغۇپ پۇل تېپىشقا تونۇشتۇردى.

  «ھازىر ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەنگە يەتتى.» ھەسەنجان ئابدۇقېيۇمنى «بېيىش باشلامچىسى» دەپ ئاتىدى.

  2017 - يىلى 7 - ئايدا، ئابدۇقېيۇم شەرەپ بىلەن كومپارتىيە ئەزاسى بولدى.

  «2017 - يىلىدىن ھازىرغىچە، كەنتتە يېڭىدىن 15 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، كۆپىنچىسى ئابدۇقېيۇمغا ئوخشاش ياش، ئىقتىدارلىق» دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى شېن دېيىڭ.

  دەۋرگە يېتىشىۋېلىشقا ئىشەنچىم كامىل

  «ئىلگىرى مەن ئاددىي ئائىلە ئايالى ئىدىم، ھېچقانچە كىرىمىم يوق ئىدى، سىرتلارغا چىقىپ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنىمۇ خالىمايتتىم. ھازىر ئۆزۈم پۇل تاپالايمەن، ياسىنىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن، يەنە بىلىم ئۆگىنىمەن».

  ئىلگىرى ھەر قېتىم ئۆيگە مېھمان كەلسە، ئايشەمگۈل بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئېرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالاتتى.

  «ئىلگىرى ئالاقىدە ئېرىمگە تايىناتتىم، تۇرمۇشتىمۇ ئېرىمگە تايىناتتىم، ھازىر ئوخشىمايدۇ.» كۆز ئالدىمىزدىكى ئايشەمگۈل مەردانە بولۇپ، ئىشەنچكە تولغانىدى.

  ئىشەنچ نەدىن كەلگەن؟ «ئۆزۈم پۇل تاپالايدىغان بولدۇم، قارىشىم ئۆزگەردى، تىلدىمۇ ئىلگىرىلىدىم» دېدى ئايشەمگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت 2 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۆت پارنىك ياسىدى، گۈل - گىياھ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، گۈل - گىياھ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  «بۇ، بېيىشنىڭ ياخشى يولى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، گۈللەرنى ساتالايمىز، كەنتىمىز ناھىيە بازىرىغا ئىككى كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، توشۇشتىنمۇ غەم قىلمايمىز.» ئابدۇقېيۇم دەرھال خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. «بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ» دېدى ئايشەمگۈل تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ.

  قىلىمەن دەپلا قىلدى. 2019 - يىلى 2 - ئايدا ئەر - خوتۇن ئىككىسى ھويلىسىدىكى تۆت پۇڭ يەردىن پايدىلىنىپ گۈل - گىياھ پارنىكى ياسىدى. ئەتىرگۈل، تاشئالما، جۈنزىلەن... يېڭى سورتلارنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، ئايشەمگۈل دائىم گۈل - گىياھ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ گۈل پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. يىل ئاخىرىدا ئايشەمگۈل بۇ گۈللەرگە تايىنىپ نەق 30 مىڭ يۈەن تاپتى.

  ئۆزى پۇل تاپالايدىغان بولدى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايشەمگۈل كەنتتىكى «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى»گە خاتىرجەم كىرىدىغان بولدى.

  «2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئالدى بىلەن يېزا - كەنتلەردە <ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ ياساش> مىڭ دۇكان قۇرۇلۇشى تۈرىنى باشلاپ، ئاياللارنىڭ دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.» كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ چىليەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ناھىيە مالىيەسى مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ «گۈزەللىك ئىشلىرى»نى قوللىغان، نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 119 كەنتتىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ ياساش دۇكىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

  «ئىلگىرى مەن ئاددىي ئائىلە ئايالى ئىدىم، ھېچقانچە كىرىمىم يوق ئىدى، سىرتلارغا چىقىپ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنىمۇ خالىمايتتىم. ھازىر ئۆزۈم پۇل تاپالايمەن، ياسىنىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن، يەنە بىلىم ئۆگىنىمەن.» تۈن پەردىسى يېيىلدى، ئايشەمگۈل كەنت كومىتېتىدىكى دېھقانلار كەچلىك كۇرسىغا ئالدىراپ ماڭدى، «مەن يەنە كەنتتە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، پۇتۇڭخۇانى ياخشى ئۆگەنسەم، كېيىنچە سىرتتىن ساياھەتچىلەر كەلسە، مەن ئۇلارنى كۈتۈۋالالايمەن».

  2019 - يىلى 10 - ئايدا، ئايشەمگۈل پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بولمىسا، مېنىڭ ۋە كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللارنىڭ ھازىرقىدەك مۇشۇنداق گۈزەل ھەم خاتىرجەم تۇرمۇشى بولمايتتى. «مەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن».

  كۆپ يىللىق ئارزۇ ئىشقا ئاشتى

  «مەن 30 نەچچە يىل كەنت كادىرى بولدۇم، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ قىلالمىغان ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم».

  «قولۇمغا ئېلىپ موي قەلەم، <جۇڭگو>نى يازدىم. شۇەنجى قەغىزىگە سىزدىم تاغ - دەريالارنى. قەلەم - سىياھ، قەغەز ۋە سىياھدان، يېزىقچىلىقتىكى تۆت گۆھەردۇر. ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى.» ئابدۇقېيۇمنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ئابدۇغېنى ئابدۇقېيۇم يەسلىدە يېڭىدىن بالىلار قوشىقىنى ئۆگەندى. مانا بوۋىسى روزى مەمەتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ شاكىچىكنىڭ دەرھال ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغۇسى كەلدى.

  «مەن 30 نەچچە يىل كەنت كادىرى بولدۇم، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ قىلالمىغان ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم». روزى كۈلۈپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ كۈنلەرنىڭ ھەربىرى يېڭىچە كۈن!»

  ئىلگىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيتتى، كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسى ئاشۇ ئازغىنە يەرگە تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى. روزى مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، باش شۇجى كەلگەندىن كېيىن كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر بارغانسېرى چوڭ بولدى. «يېڭىدىن ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى سېلىندى، يېڭىدىن ئاسفالت يوللار ياسالدى، ئاممىنىڭ بېيىش يوللىرى كېڭەيدى».

  روزى ھازىر ھەر ئايدا «تۆت پېشقەدەم» (پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم نەمۇنىچى، پېشقەدەم ھەربىي)لەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بولۇپ جەمئىي 1450 يۈەن ئالىدۇ. «يېتىدۇ، مۇبادا ئاغرىپ قالساممۇ قورقمايمەن. ئىلگىرى ئالدى بىلەن پۇل تۆلەپ ئاندىن دوختۇرخانىدا ياتاتتۇق، ئاغرىپ قالساقلا كالىلىرىمىزنى سېتىشقا ئالدىرايتتۇق. ھازىر ئالدى بىلەن داۋالىنىپ ئاندىن ھەق تۆلەيمىز، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %85».

  يېڭىدىن قۇرۇلغان توققۇزاق بازارلىق يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇغاندىن بۇيان، ئابدۇغېنى بارغانسېرى ئەقىللىق، چېچەن، شوخ، ئوماق بولۇپ كەتتى، بۇنىڭدىن روزى چىن دىلىدىن سۆيۈندى.

  «ئابدۇقېيۇم باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان، ئەگەر كۆپرەك ئوقۇغان بولسا، كۈنلىرى چوقۇم ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كېتەتتى.» ئىچ - ئىچىدىن ئەپسۇسلانغان روزى نەۋرىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىنى ياخشى تۇتۇشقا بەل باغلىدى. «بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىمەن».

  (2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ