مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەن شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولدۇم

2020.01.16 15:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  لوپ ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى مەمەتئابدۇللا ئوسمان:

  مەن شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولدۇم

  مېنىڭ ئىسمىم مەمەتئابدۇللا ئوسمان، لوپ ناھىيەسىدىن، ھازىر خوتەندىكى بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىككى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى. ھازىر مەن ھەر كۈنى ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتسەممۇ، لېكىن ناھايىتى خۇشال، چۈنكى مەن بەختلىك تۇرمۇشقا ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.

  مەن ئىلگىرى ئىنتايىن ئوچۇق - يورۇق، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدىم، 2011 - يىلى، مەن ئىچكىرى رايوندىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراشنى ئۆگەنگەن. ئۇ چاغدا مەن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم، چۈنكى ئىچكىرى رايونغا بېرىپ مەكتەپتە ئوقۇش كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىش ئىدى، يەنە كېلىپ ئۆزۈم قىزىقىدىغان كەسىپنى ئۆگەنگەنىدىم.

  بىر يىلى يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقىنىمدا، تاغام مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ماڭا: «سەن مۇسۇلماننىڭ بالىسى، سەن مەكتەپكە بارماستىن مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇشۇڭ كېرەك، ناخشا ئېيتساڭ، ئۇسسۇل ئوينىساڭ بولمايدۇ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارساڭ تېخىمۇ بولمايدۇ، <كاپىر>لار بىلەن باردى - كەلدى قىلساڭ بولمايدۇ، <غازات> قىلىشىڭ كېرەك، مۇشۇنداق قىلساڭلا ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرەلەيسەن، بولمىسا دوزاخقا كىرىسەن» دېدى. تاغامنىڭ گەپلىرى ئىزچىل قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ تۇردى.

  مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، ئەتراپىمدا ناخشا ئېيتىۋاتقان، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇر ساۋاقداشلارنى كۆرسەم، ئۇلارنى «خائىن» «مىللىي مۇناپىق» دەپ تىللىدىم، ئۇلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردۈم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بىر شىركەتتە ئىشلىدىم، دائىم خىزمەتداشلىرىمغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلاتتىم. مەن بېزەكچىلىك قىلىدىغان ئاكام ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا: «كاپىر»لار بىلەن سودا قىلماڭلار، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشماڭلار دېدىم. ئاتا - ئانام مېنىڭ سۆز - ھەرىكىتىم، پىسخىكامنى كۆرۈپ ناھايىتى تىت - تىت بولۇپ، مېنى لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى.

  تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇتقۇچۇم ماڭا: سەن تېخى ياش، خاتالىق ئۆتكۈزۈش قورقۇنچلۇق ئەمەس، مۇھىمى خاتالىقنى تۈزىتىش، سەن ئالدىڭغا قارىشىڭ كېرەك، دېدى. قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، كاللام سەگەكلەشتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، ئۆگىنىش نەتىجەم كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئۆزۈمنى قاراڭغۇ ئۆيدىن چىققاندەك ھېس قىلدىم. مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىللىكىنى چۈشەندىم، ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىمنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەم ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. قىزىقىشىم، ياقتۇرۇشۇم بويىچە، مەن يەنە تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش كەسپى ۋە كارخانا باشقۇرۇش دەرسىگە تىزىملىتىپ قاتناشتىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدا، مەن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش ماھارىتىنى سىستېمىلىق ئىگىلىدىم.

  تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن بىر شىركەتتە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش ۋە سېتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم. خوجايىن مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى بارغانسېرى راۋان سۆزلەيدىغان بولغانلىقىمنى، يەنە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنلىكىمنى، قانۇن بىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، مېنى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قارا مور ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە گۆش ئۆردىكى بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى.

  ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىشلەپچىقارغان قارا مور ئەتراپتىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى ۋە ئاشخانىلارغا سېتىلىدۇ، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى مېنىڭ خىزمەتتە ئاكتىپ ئىكەنلىكىمنى، ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق شىركەتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىمنى ئېيتتى، مېنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىم ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىم كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ھازىر ئويلىسام، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى زەھەرلىك ئۆسمە ئىكەن، ئۇ مېنى كەلگۈسىنى كۆرەلمەيدىغان، يۆنىلىشنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويۇپتىكەن، ھۆكۈمەت ماڭا بىر پارلاق يولنى كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر مەن ھەر ئايدا 5000 - 6000 يۈەن تاپالايمەن، كۆپ قىسىم مائاشىمنى دادامغا بېرىمەن. دادام ماڭا: ئۆگىنىپ ئالغا باسقاندىلا ئاندىن ئىستىقبالىڭ بولىدۇ، دېدى، شۇڭا مەن ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ پۇل تاپىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  (مۇخبىرىمىز جېڭ جو رەتلىگەن)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ