مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپى 50 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

2020.01.16 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا، پىراكتىكانت شياۋ لياڭيۈەننىڭ 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق، ساياھەت كەسپىنىڭ 50 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ۋە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق 54 مىڭ 100 كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %135ى ئورۇندالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ما جيەنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقى يېڭى ۋەزىيىتى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باغلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شەھەر - يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ «غىزالىنىش، قونالغۇ، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت مۇھىم ئامىللىرى ساھەسىگە توپلىنىپ، «ساياھەت تامىقى» يېيىشى، «ساياھەت پۇلى» تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «يەتتە بىر تۈركۈم» تەدبىرى ئارقىلىق، ساياھەتچىلىكتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپ يوللار بىلەن ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس كىشىلەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات ناھىيەلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ساياھەتچىلىك بويىچە كەسپىي تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ساياھەت كەسپى بويىچە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پىلانى قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئېشىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2018 - يىلى چىقارغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى (2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»غا ئاساسەن، 2018 - يىلى 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 2019 - يىلى 40 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 2020 - يىلى 50 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ