مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بەخت يولىمىزدىكى توسالغۇ

2020.01.14 14:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئونسۇ ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى روشەنگۈل ئەمەر

  مېنىڭ ئىسمىم روشەنگۈل ئەمەر، بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، ئونسۇ ناھىيەسىدىن، كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى. مېنىڭ خىزمىتىم يۇرتداشلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش بولۇپ، ھازىرقى تۇرمۇشۇم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەم ئىنتايىن ئازابلىنىمەن.

  2011 - يىلى ئوغلۇم ئىككى ياشتا ئىدى، بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز قىزىپ قېلىپ، ئىچى سۈرۈپ كەتتى. شۇ چاغدا بالىنىڭ دادىسى ئۆيدە يوق بولغاچقا، مەن دوستۇمنى ئوغلۇمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ياردەملىشىشكە چاقىردىم. كىم بىلسۇن، دوستۇم ماڭا سىرلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىنى خەنزۇلار ئاچقان، دوختۇرخانىدىكى دورىلارنىڭ ھەممىسى «مۇسۇلمانچە ئەمەس»، بالىنى نېمە دەپ ئۇ يەرگە ئاپىرىمىز. بالىنى «ئاللا» بەرگەن، بالىنىڭ كېسىلىنىمۇ «ئاللا» داۋالايدۇ.

  ئۇ مەن بىرنېمە دېگۈچە ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، كەنتتىكى بىر ئاتالمىش «دىنىي زات»نىڭ ئۆيىگە كەلدىم. بۇ «دىنىي زات» بىر دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر بولۇپ، ئۇ بىر بۆلەك ئايەت ئوقۇغاندىن كېيىن ماڭا پەقەت «ئاللا»غا چىن كۆڭلۈمدىن ئېتىقاد قىلساملا، بالىنىڭ كېسىلىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن دەرۋەقە ئوغلۇمنىڭ قىزىتمىسى ياندى، شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرغا ۋە دوستۇمغا قاتتىق ئىشىنىدىغان بولدۇم. ھازىر ئويلاپ باقسام، بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن، ھېلىمۇ ياخشى بالامنىڭ كېسىلى ئېغىر ئەمەس ئىكەن، بولمىسا مەن چوقۇم پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدىكەنمەن.

  كېيىن دوستۇم دائىم ماڭا يان تېلېفونىدىكى بەزى ئۈن - سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ، ماڭا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى، مەن ئاستا - ئاستا خەنزۇلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىدىغان بولدۇم. بەزىلەر ماڭا پۇتۇڭخۇادا سۆزلىگەندە، مەن ئېنىق چۈشىنىپ تۇرۇپمۇ، يالغاندىن چۈشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچىمدە ئۇلارنى «كاپىر» دەپ تىللىدىم.

  مېنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان ئىپادىلىرىم ئېرىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇ مېنىڭ بۇ خىل خاتا ئىدىيەم ئۆيدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ھەتتا بالىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ نابۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئېرىمنىڭ گېپى خۇددى بېشىمدىن بىر داس سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك مېنى ئىختىيارسىز ئەندىكتۈرۈۋەتتى. بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇ مېنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى.

  مەن ئېرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئونسۇ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەلدىم، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ياتاق، تاماق ھەممىسى ھەقسىز ئىكەن. بۇ يەردە، مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، نېمىنىڭ دىنىي ئەسەبىزم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىزگە قانداق قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ماڭا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى قەلبىمدە چوڭقۇر ساقلانغان «كېسەل»نى داۋالاپ ساقايتتى.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئوقۇتقۇچىلار بىزگە يېقىن كىشىلىرىگە مۇئامىلە قىلغاندەك كۆڭۈل بۆلدى. بىر كۈنى كەچتە، مېنىڭ ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش كېسىلىم تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئاغرىقتىن قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم. ئامىنە ئابلا مۇئەللىم خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مېنى مەكتەپ داۋالاش ئۆيىگە ئاپىرىپ داۋالاتتى. مەن كېسەل كارىۋىتىدا ياتتىم، ئامىنە مۇئەللىم يېنىمدا ئولتۇرۇپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆيۈنگەن ھالدا مەندىن: «بالام، يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟ ئازراق ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇ توختىماي لۆڭگە بىلەن تەرىمنى سۈرتۈپ تۇردى. مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن ئۇخلاپ قالغىنىمنى تۇيماپتىمەن. ئەتىسى ئويغىنىپ مۇئەللىمنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن ھەر كۈنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن يىراق تۇرۇشقا بەل باغلىدىم. مەن ئېرىمدىن بەك مىننەتدار، ئەگەر ئۇ مېنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرمىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. ئەگەر قەلبىمدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يامراپ كەتكەن بولسا، مەن ئۆزۈمنى، ھەتتا پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنى چوڭقۇر ئازاب - ئوقۇبەتكە سۆرەپ كىرگەن بولاتتىم.

  2019 - يىلى 4 - ئايدا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەندە ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارى بار بولدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولدى، ئۆزۈمنى ياخشى قوغداپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىدىن يىراق تۇرۇشقا ئىشەنچىم بار بولدى.

  ھازىر مەن كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى. مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر تور دۇكىنى ئېچىپ، يۇرتداشلارنىڭ ياڭاق قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشىغا ياردەم بەردىم، سودا ناھايىتى ياخشى بولدى. كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن بەك پەخىرلەندىم.ئوغلۇم ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، مەن دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆگىنىمەن، ئۇنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا دەۋەت قىلىمەن.

  ئېرىم مېنىڭ ئالغا باسقانلىقىمدىن خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكىمنى ئېيتتى، ئائىلىمىزنىڭ كەيپىياتىمۇ بۇرۇنقىدىن ئىناق بولۇپ، ھەر كۈنى كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. مەن دائىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بەخت يولىمىزدىكى توسالغۇ ئىكەن، ھېلىمۇ ياخشى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىشىپ ئۇنى يوقاتتۇق، دېگەنلەرنى ئويلايمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەر تېخى ناھايىتى ئۇزاق، مەن ئەمدى ھەرگىز گاڭگىراپ قالمايمەن، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايمەن.

  (مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا رەتلىگەن)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ