مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بۇ يەردە پۇرسەت كۆپ، تەرەققىيات بوشلۇقى چوڭ»

2020.01.14 14:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ يۆ

  «شىنجاڭلىقلار قىزغىن، دوستانە، شەھەرلىرى گۈللەپ راۋاجلانغان، بۇ يەردە پۇرسەت كۆپ، تەرەققىيات بوشلۇقى چوڭ!» 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان نوسيېۋ مەنسۇر مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  نوسيېۋ تۈركمەنىستاندىن كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنى خەنزۇ تىلى كەسپىنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى. بۇ يەرگە ئوقۇشقا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ فىلىم ۋە تېلېۋىزور ئارقىلىق گۇمپا ئارتىسى چېڭ لۇڭ بىلەن تونۇشقاندىن باشقا، جۇڭگو ۋە جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدا ئاساسەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتى.

  نوسيېۋنىڭ 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تۇپراققا تۇنجى قېتىم قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ئېنىق ئېسىدە. «تۇرار جايىمغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر خىل ئالاھىدە خۇش پۇراق دىمىقىمغا ئۇرۇلدى، بۇ بىر خىل مەززىلىك تاماقنىڭ پۇرىقى ئىدى.» تۆت سائەتكە يېقىن ئايروپىلانغا ئولتۇرغان نوسيېۋنىڭ شۇ چاغدا قورسىقى ئىنتايىن ئېچىپ كەتكەن بولۇپ، دىمىقىغا ئۇرۇلغان پۇراق ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى ھېس قىلدۇرغانىدى.

  بىر نەچچە يىلدا، ئۇنىڭ جۇڭگو تىلى سەۋىيەسى ناھايىتى تېز ئۆستى. «سىنىپ مۇدىرى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەيلى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلار بولسۇن ياكى كوچىدا ئۇچرىغان كىشىلەر بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قىزغىن، ئوچۇق - يورۇق، باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن. گەرچە ئۈرۈمچىدە قىش پەسلى ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى كىشىلەر ئىتتىپاق، سەمىمىي، دوستانە ئىكەن، مەن بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدىم.» نوسيېۋنىڭ دېيىشىچە، يىل ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى، ئۇ يېڭى يىللىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ رېپېتىتسىيەسى ئۈچۈن كوچا ئۇسسۇلى مەشق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، يەنە ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى يازىدىكەن، پات يېقىندا ئېلىنىدىغان يېڭى خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى HSK (ئالتىنچى دەرىجە)غا تەييارلىق قىلىدىكەن، ۋاقىت ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  بۇ يىللاردا، نوسيېۋ ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شەھەر يوللىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋىلاشقانلىقىنى، كوچا مۇھىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلانغانلىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ خۇالىڭ بازىرى ۋە سودا شەھەرچىسىگە بارغان، دوستلۇق سودا سارىيى ۋە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى ئايلىنىپ چىققان، ئۇ بۇ شەھەردە تاۋارلارنىڭ ئىنتايىن مول، ھەممىلا يەرنىڭ ئاۋات بولۇپ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. «مەن ھازىر سەپەرگە چىقسام دائىم مېتروغا ئولتۇرىمەن، شىنجاڭ داشۆدىن خەلقئارا ئايروپورتقىچە بولغان يولنى ھەممىدىن پىششىق بىلىمەن».

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، نوسيېۋنىڭ ئوقۇشتىن سىرتقى تۇرمۇشىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولغان. ياز كۈنلىرى ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن نەنسەنگە بېرىپ سالقىنداپ، كاۋاپ يېگەن؛ قىش كۈنلىرى ئۇ ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا يەككە تاختا بىلەن قار تېيىلىشنى ئۆگەنگەن؛ بەزى ھەپتە ئاخىرىدا، دوستلار ئۇنى ۋېيسىتې ئىستىراھەت كەنتىگە بېرىپ ئارىشاڭغا چۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ شىنجاڭدا چوكا ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن، خوگو يېگەن، ئاچچىق يېيىشنى ياقتۇرۇپ قالغان. «ئائىلەمدىكىلەر ئازراقمۇ ئاچچىق يېيەلمەيدۇ.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن يەنە ساۋاقداشلىرىمدىن توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، كىيىملىرىمنىڭ ھەممىسىنى توردىن سېتىۋالغان...

  «ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كەتتى، 2020 - يىلى داشۆنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزىمەن!» نوسيېۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تەرجىمانلىق، سودا قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمايمەن، شىنجاڭدىكى ئوقۇش ھاياتىم مېنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمدىكى بىر كۆزنەك بولۇپ، ھەممە يەرنىڭ پۇرسەتكە تولغانلىقىنى كۆردۈم. مەن جۇڭگونىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. «مېنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەت، تۇرمۇشۇم، چوقۇم شىنجاڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ» دېدى نوسيېۋ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ