خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى سېتېرقان ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.
سېتېرقاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
سېتېرقان (تولۇق ئىسمى: سېتېرقان شەيقىسلام)، ئەر، قازاق، شىنجاڭ ئالتايدىن، 1965- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، 1988- يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1988- يىلى 12- ئايدىن 1993- يىلى 6- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1993- يىلى 6- ئايدىن 1995- يىلى 5- ئايغىچە، قورغاس تاۋار تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1995- يىلى 5- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە، قورغاس تاۋار تەكشۈرۈش ئىدارىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1996- يىلى 7- ئايدىن 1999- يىلى 11- ئايغىچە، ئىلى تاۋار تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىلى قورغاس تاۋار تەكشۈرۈش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
1999- يلى 11- ئايدىن 2002 - يىلى 2 - ئايغىچە، ئىلى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛
2002- يلى 2- ئايدىن 2008- يىلى 11- ئايغىچە، ئىلى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قورغاس چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 2005- يىلى 10- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى شۆبە مەكتىپىنىڭ 48- قارارلىق سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
2008- يىلى 11- ئايدىن 2010- يىلى 11- ئايغىچە، ئالتاي چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛
2010- يىلى 11- ئايدىن 2016- يىلى 3- ئايغىچە، ئىلى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 2011- يىلى 10- ئايدىن 2012- يىلى 11- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى شۆبە مەكتىپى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى مەھكىمە-ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
2016- يىلى 3- ئايدىن 2018- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛
2018- يىلى 1 ـ ئايدىن 2018 ـ يىلى 4 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى بولغان؛
2018- يىلى 4- ئايدىن 2018- يلى 8- ئايغىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن نازارەت ۋە ئىدارە دەرىجىلىك كادىرى بولغان؛
2018 ـ يىلى 8 ـ ئايدىن 2019 ـ يىلى 6 ـ ئايغىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى بولغان؛
2019- يىلى 6- ئايدىن ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى