مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى مۇھىم، زور تۈرگە قاتنىشىپ 2019- يىللىق دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020.01.13 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2019 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتناشقان «چوڭ تىپتىكى تۆۋەن سۈرئەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال كۈچى گېنېراتورىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش تۈرى» دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  خۇنەن داشۆ، شياڭديەن شامال ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن تۈر كوللېكتىپى ئون نەچچە يىل ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال كۈچى ئېلېكتىر تېخنىكىسىدا دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىجادىي كەشىپ قىلىپ، مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان كۈچ ئۇزارتىش يېڭى قۇرۇلمىسىنى تۇنجى يارىتىپ، چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشەنچلىك كۆتۈرۈشچانلىقىدىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا گېنېراتور شامال كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان چاقپەلەك ئارقىلىق بىۋاسىتە قوزغىتىلىپ، چىشلىق چاق ساندۇقى پەيدا قىلىدىغان بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر تۈپتىن ھەل قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرلۈك تېخنىكا دۆلىتىمىزنىڭ شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، بىر پۈتۈن تېخنىكىنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە، بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يەر شارىدىكى 400دىن ئارتۇق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا قۇراشتۇرۇلغان ئومۇمىي گېنېراتورى 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشتى، مەھسۇلاتى ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىپ، بىۋاسىتە قوزغىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق شامال ئېلېكتىر كەسپى توپى شەكىللىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ