مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

2020.01.13 14:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

  ئورتاق تونۇش يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدا مۇجەسسەملەندى، ئىشەنچ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بارلىق ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز ئىككى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان ۋەكىللەر، ئەزالارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  بۇ، بىر قېتىملىق غەلىبىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋەكىللەر، ئەزالار يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن، مۇقىملىق، تەرەققىيات پىلانىنى كۆزلەپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى سۇنۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان، خەلققە سادىق بولىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق ئېچىلغانلىقى مۇقەررەركى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019 - يىلىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق.

  ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مۇقەددىمە. تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. 2020 - يىلى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، بىز پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، بىز جەزمەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز.

  تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەش. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرى چىڭ كۆزلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بىرمۇبىر كونكرېت نىشان، تۈرمۇتۈر نۇقتىلىق خىزمەت، بىرمۇبىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن دەيدىغان ئىزچىل مەيدان ۋە روشەن پوزىتسىيە نامايان قىلىندى، تۈرلۈك كۆزلىمە نىشان كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇنىڭ ئىچىدە، قېپقالغان 165 مىڭ نامرات نوپۇسنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 560 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىز جەزمەن تاپشۇرىدىغان تارىخىي جاۋاب قەغىزى. بىز دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، دوكلاتتا بېكىتىلگەن «ۋەزىپەنامە» «يول خەرىتىسى» «ۋاقىت جەدۋىلى» بويىچە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، قان - تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇش. تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى شۇنچە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ توپلاپ، كىشىلەر قەلبىنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا «بىرياقىدىن باش چىقىرىش»قا توغرا كېلىدۇ. ۋەكىللەر، ئەزالار بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، «كۆۋرۈك»لۈك ۋە «تۈگۈن»لۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىكى ئەڭ زور ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن ئورۇنداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ