سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى ئېچىلدى

2020.01.07 13:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

  نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى بەردى

  چېڭ جېنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى مۇتەللىپ ئوبۇل تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

  1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

  (گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن، تەنتەنىلىك بولۇپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 513 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 472 كىشى بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چېڭ جېنشەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىن ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ قارالمىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى بەش جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېما بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە قوش يۆنىلىشكە كۈچەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇرچ، ۋەزىپىنى بېكىتىپ، بىرلىك سەپنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىلغارلىقىنى نامايان قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ قوشۇشى، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مۇتەللىپ ئوبۇل سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار 758 پارچە تەكلىپ بەرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 540 تەكلىپ تۇرغۇزۇلغان، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان بارلىق تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىگە بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلغان، جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ