مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش APP ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپىنى تۇنجى قېتىم ئاچتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يان تېلېفون ئېلىپ يۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولدى

2020.01.06 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسىنى چۈشۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى كۆچمە سۇپىسى شىنجاڭنىڭ توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئېچىپ بەردى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنتايىن قالتىس بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەزالار ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گۈلباھار مەمەتئەلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشAPPسىنى ئىگىلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق جايىغا كىرگەندە، كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسىنى چۈشۈرۈش ئىككىلىك كودىنىڭ قويۇلغانلىقى كۆرۈشكە بولىدۇ. مانا ئەمدى خىزمەتچى خادىملار تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلگەن ئەزالارنىڭ مەزكۇر سۇپىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسى شىنجاڭ «ئىككى يىغىن»ىدا تۇنجى قېتىم ئىشقا سېلىندى. بۇ، بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»نىڭ يارقىن نۇقتىسىدۇر. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە يىراقتىن كېڭىشىش» تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆچمە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشAPPسى 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئىككى ئاساسىي تېما قىلىنغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپىنى ئېچىپ بەردى: بىرى، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپى بولۇپ، يەنە بىرى بولسا، «2020- يىلى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپىدىن ئىبارەت.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسى ئاساسلىقى سەككىز تۈرلۈك سەھىپىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: يەنى، ئاساسىي تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇھىم خەۋەرلەر ئەھۋالى، ئەزالار ئۆگىنىشى، ھۆججەت-ماتېرىياللار، ئەزالارنىڭ سالاپىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم ئەھۋالى، خىزمەت تەكلىپى، توپتا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتچىسى جيا بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسى − كۆچمە تېرمىنالى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەخسۇس سۇپا. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنى، «تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تۆتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇسۇل ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋاقتى ۋە بوشلۇقىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەزالارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىنى موللاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسىنىڭ بېتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتچىلىرى شىنجاڭدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسىنى قانداق ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ