خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى «ئۆركەشلىگەن توشقان دەرياسى» ناملىق كىنو ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم قويۇلدى.
بۇ فىلىمدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىكى «ئىسلاھات ئاۋانگارتى»، 7-نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى»، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئاساسىدا ئىجادىيەت قىلىنىپ، باش پېرسوناژ ئالىپنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دەۋر دولقۇنىدا تۇرۇپ، يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا تۇنجى خەلق باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا بالىلىرىغا زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلىدىغان كۆۋرۈك سېلىشقا ئىرادە باغلاپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-مائارىپ تارقىتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەنلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ