مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا تۆھمەت قىلىشقا، بوھتان چاپلاشقا يول قويمايمىز

2019.12.16 14:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى قېيۇم باۋۇدۇن

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلىدى ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلىدى. 80 نەچچە يىل شىنجاڭدا ئوقۇغان، خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن ئۇيغۇر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە قاتناشتىم، باشتىن كەچۈردۈم، گۇۋاھ بولدۇم، مەن ئامېرىكىدىكى بۇ بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشتەك رەزىل، شەرمەندە قىلمىشىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىدىغان، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ نوخلىسىنى ئۆستۈرىدىغان بۇنداق قىلمىشلاردىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. مەن شىنجاڭنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى، ئەتىسى ئارقىلىق بۇ ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارغا بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن!

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەشنى رەت قىلىشقا، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چەتكە قېقىشقا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا قارشى تۇرۇشقا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلىشقا سىجىل قايمۇقتۇردى، قۇتراتتى. 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايى قىلمىشى جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت، تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇساپىسىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ھالبۇكى شۇ چاغلاردا، سىلەر، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋالدىڭلار، يالغاندىن گاس - گاچا بولۇۋالدىڭلار، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى بىلەن قىلچە كارىڭلار بولمىدى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى بىر قىسىم ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىمۇ ھەمىشە كوللېكتىپ سۆز قىلماسلىقنى تاللىدى، سوراپ باقاي، سىلەرنىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»ىڭلار يەنە كىمنى قوغداۋاتىدۇ؟

  كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋال ئالدىدا، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ يامراش، كېڭىيىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى ئېلىش بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىگە ئاساسەن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى بۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن تازىلاپ چىقاردى، بۇ، ئۇلارغا سەمىمىي ياردەم بەرگەنلىك، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغانلىق. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىزمگە قارىتا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدى، شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىت تەدرىجىي يوقىتىلدى.

  ھازىر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق - رايىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ - خاتىرجەم بولۇۋاتىدۇ. «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش» بويىچە تەلىم - تەربىيەگە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەربىيەنى تاماملاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مەن ۋە ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىم شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى مۇقىم، چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

  مەن خەۋەرلەردىن كۆردۈم، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان 91 دۆلەتنىڭ 70تىن ئارتۇق ئۆمەك - گۇرۇپپىسىدىكى چەت ئەل ئەمەلدارلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000دىن ئارتۇق كىشى بەس - بەستە: ئەمەلىي ئەھۋال بىر قىسىم غەرب تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ تەسۋىرلىگەنلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، دېيىشتى. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلغا يۈكسەك باھا بەرگەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلىغان پەيتتە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار يەنە سەكرەپ چىقىپ، ساختا ياخشىچاق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولۇۋېلىپ، شىنجاڭ قوللانغان تەلىم - تەربىيە شەكلى ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى كەلسە - كەلمەس ئەيىبلىدى، يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، غەرىزى زادى نېمە؟ بۇ، جۇڭگو شىنجاڭنى ئافغانىستان، سۇرىيەگە ئوخشاش قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىشىغا پۇرسەت يارىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىل جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنى مالىمان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش سۇيىقەستى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ دىلىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئازار بەردى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىمىز، قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن، ھەرقانداق تۆھمەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ، ھەرقانداق سۇيىقەست شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان بۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ