بۈگۈر ناھىيەسى يېڭسار بازىرى قارادۆڭ كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئېلى نىياز
مەن شىنجاڭلىق، كىچىكىمدىن كۆپ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى مۇھىتىدا ياشاپ كەلدىم. مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ھەر مىللەت قوشنىلار بىلەن ئىناق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتۇق، ئۆزئارا ئۆگەندۇق، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلدۇق، ئۆزئارا ياردەملەشتۇق، ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئوخشاش بىر مۇھىتتا ياشاپ، قول تۇتۇشۇپ جاپالىق ئىشلەپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈۋاتىمىز.
ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا كۈندە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يۇرتۇم تېخىمۇ گۈزەللەشتى. ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتى، تۇرالغۇ ئۆي ياردەم تولۇقلىمىسى بار، داۋالانساق، بالىلارنى ئوقۇتساق ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ھەتتا يەر تېرىشقا ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالساقمۇ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، كەنتلەرگە رادىيو، تېلېۋىزور يەتكۈزۈلدى، ئاسفالت يوللار كەنتلەرگىچە ياسالدى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستى.
ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىۋاتقان چاغدا، «ئۈچ خىل كۈچ» ھە دەپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى سادىر قىلدى، ئۇلار دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، ھە دەپ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەھدىت سالدى.
مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، مۇقىم، ئىناق بولغان گۈزەل شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تىنچ، خاتىرجەم جەمئىيەت مۇھىتىنى چىن قەلبىدىن ماختىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. ئۇلار كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەلۋىلەرچە «جازا لاگېرى» دەپ ئاتىدى، بۇ، مېنىڭ كۆرگەنلىرىم، ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلەن زىت، ئۇلار پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپتۇ.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەلىم - تەربىيە مەركىزى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھازىرقى تىنچ - خاتىرجەم كۈنلىرى بولمايتتى!
شىنجاڭنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى بىر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلاشقا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى: ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمماڭلار، يەنە ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىماڭلار! سىلەر قانداقلا رەزىل نىيەت بىلەن قارا چاپلىساڭلارمۇ، پاكىت يەنىلا پاكىت، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆڭلىدە تارازا بار، بىز كىمنىڭ بىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداش نامىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئايرىيالايمىز.