مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇۋالدى

2019.12.12 15:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قاغىلىق ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئەكبەر ئەنۋەر

  مېنىڭ ئىسمىم ئەكبەر ئەنۋەر، 24 ياش، ئۆيۈم قاغىلىق ناھىيەسىدە. مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ئاجىز بولغاچقا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي، كاللام ئەسەبىي ئىدىيە تەرىپىدىن يۇيۇۋېتىلگەنىدى. ئاشۇ يىللاردا، مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىغا يول قويمايتتىم، دوستلىرىمنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىشىغا يول قويمايتتىم. بىر قېتىم، مەن دوستۇمنىڭ توي مۇراسىمىدا سازەندىلەرنىڭ چالغۇلىرىنى چېقىۋەتكەنىدىم، يەنە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغانلارنى ھاقارەتلىگەنىدىم، ئۇلارنى روھىڭلار ئەمىن تاپالمايدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، دەپ قارغىغان ئىدىم. ئادەتتىكى كۈنلىرى دوستلار يىغىلىشى، ئەمگەك ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشلاردا، مەن يەنە باشقىلار ماڭا بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا دائىر ئۈن - سىنلارنى دوستلۇرۇمغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش «مۇستەقىللىق» ئۈچۈن بىرلىكتە «كۈرەش قىلىش»قا ئۈندىگەنىدىم.

  قاراڭغۇلۇق ئەقلىمنى بىخۇدلاشتۇردى، جىنايەتنىڭ چوڭقۇر ھاڭىغا چۈشۈپ كېتەيلا دەپ قالغان چاغدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇۋالدى، مېنىڭ يارنىڭ لېۋىدىن قايتىپ كېلىشىمگە ياردەم قىلىپ، مېنى قايتىدىن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى.

  كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنىڭ مەن ئىلگىرى ئوقۇغان مەكتەپكە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زھەرلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە بىزگە دەرس جەدۋىلى بويىچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندۇق، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق، كەسپىي ماھارەت ئۆگەندۇق، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەنتەربىيە مەيدانىدا ۋاسكېتبول ئوينىدۇق، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىدا بەدەن چېنىقتۇردۇق، كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆردۇق، كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە بېرىپ گېزىت - ژۇرنال كۆردۇق، پائالىيەت ئۆيىگە بېرىپ شاھمات ئوينىدۇق، تۇرمۇشىمىز رەڭدار ئۆتتى.

  تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، ئوقۇتقۇچىلار ماڭا خۇددى ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك كۆڭۈل بۆلدى، ماڭا كۆيۈندى، ماڭا سەۋرچانلىق، ئەستايىدىللىق بىلەن ياردەم قىلدى، مېنىڭ گۇمانىي سوئاللىرىمغا زېرىكمەي جاۋاب بەردى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىن ئەمەس، بەلكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئالداش، كونترول قىلىشقا ئىشلىتىدىغان سەپسەتىسى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، مېنىڭ قانۇن ئېڭىم ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، قايسى ئىشنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، قايسى ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم؛ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەممۇ ئۇچقاندەك تېز ئۆسۈپ، كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يولۇمنى كېڭەيتتى. مەن ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىم. كۆڭلۈمدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ روھىمنى يەنە چىرىتىشىغا مەڭگۈ يول قويمايمەن، مەن چوقۇم ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، توغرا ئىش قىلىپ، توغرا يولدا ماڭىمەن، دەپ ئىرادە باغلىدىم.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە مېنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىپادەم ناھايىتى ياخشى بولدى، باھالاش ئارقىلىق، مەن ئەلا نەتىجە بىلەن تەربىيەنى تاماملىدىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەن، شۇنداقلا بىر ماھارەتنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا خىزمەت تاپتىم، بىر قەھۋەخانىدا خىزمەت قىلىمەن، ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەن. ھازىر، مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە بەختلىك ياشاۋاتىمەن. تۇمان مەندىن يىراقلاپ كەتتى، قۇياش نۇرى مېنى ئىللىتتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشۇم بولمايتتى. مەن ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ۋە قەبىھ غەرىزىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئەتراپىمدىكىلەرنى قايتا زىيانكەشلىككە ئۇچراتقۇزمايمەن.

  دەۋر ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماقتا، مەن ئازغىنە كۈچۈم ئارقىلىق بولسىمۇ، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك كۈچۈمنى قوشىمەن. مەن چوقۇم تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، بەخت ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ