مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى دۇنيادا ئەڭ ياخشى

2019.12.12 15:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى تۇرغۇن ھوشۇر

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا بوھتان چاپلاپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا چاپلىدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم، بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

  ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار مىللەت، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭدا ھەدەپ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلىپ، نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ بىخەتەر بولدى، ھەر مىللەت ئامما بەختلىك، خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئەكسىچە ئۇ يەردە ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پاكىت ئويدۇرۇپ، خىيالىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋاتىدۇ. شۇنى دېمەكچىمەن: سىلەر بۇنداق ئاغزىڭلارغا كەلگەننى جۆيلۈسەڭلار، ۋىجداننىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىمامسىلەر؟ سىلەر ھەرقانچە كەلسە - كەلمەس بىلجىرلىساڭلارمۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قوياي، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دىن سىياسىتى. شىنجاڭدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ چوڭ ئائىلىدە، بىز ناھايىتى ئىللىقلىق، ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمىز.

  مەن ياشاۋاتقان خارمۇدۇن بازىرى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونىدىكى بىر يېزا - بازار، ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. مەن ھەر كۈنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن بىللە مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيمەن، ھەر جۈمە كۈنى جۈمە كۈنلۈك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. روزا ئېيى مەزگىلىدە، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن بىللە روزا تۇتۇپ، ئىپتار قىلىپ، ھەر كۈنى ناماز پائالىيىتى ئۆتكۈزىمەن. روزا ھېيت، قۇربان ھېيتتا، بىزنىڭ مەسچىتىمىز كەڭ كۆلەملىك يىغىلىپ ناماز ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەسچىت «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇ، توك، يول، گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئورناتتى، دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىتى ياخشىلىنىپ، بىزنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىلدى. شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما باشقا ئاممىغا ئوخشاش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر يىلى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدۇ، تۆۋەن كاپالەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما يەنە تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەن نۇرغۇن دىنىي زاتلار بىلەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغان، مېنىڭ كۆرگىنىم بىلەن ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي ئىككى ئىش، تەربىيەلەنگۈچىلەر تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدۇ، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىدۇ. كەنتىمىزدىمۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىن تەربىيەنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن تەربىيەلەنگۈچىلەر بار، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىلگىرىكىدىن ياخشى سۆزلەپلا قالماي، يەنە باقمىچىلىق، تىككۈچىلىك قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زاۋۇتتىن ئىش تاپتى، بەزىلىرى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچتى، يەنە بەزىلىرى ئاشخانا ئاچتى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل، شۇنداقلا ناھايىتى ئىناق. بىزنىڭ خېجىڭدىكى بايىنبۇلاق بىر گۈزەل جاي، گۈزەل خېجىڭ ھەممە جايدىكى دوستلارنىڭ مېھمان بولۇپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا چەت ئەللىك دوستلارنىڭمۇ يۇرتۇم خارمۇدۇن بازىرىغا مېھمان بولۇپ كېلىشىنى قارشى ئالىمەن، ھەقىقىي شىنجاڭنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، پىتنە - ئىغۋالار ئۆزلۈكىدىن تارمار بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ