مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستان زۇڭتۇڭىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدا ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز

2019.12.12 15:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى:

  قازاقىستان زۇڭتۇڭىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدا ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدا ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ.

  شۇ كۈندىكى دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا، گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنى جۇڭگو پۇقرالىرى، بەزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئەمەلىيەتكە ئەسلا ئۇيغۇن ئەمەس، قازاقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قەستەن كۆپتۈرۈلگەن. قازاقىستان تەرەپ شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى، بۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ بىر قىسمى، چۈنكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىدا ئۆزئارا سوقۇشۇۋاتىدۇ، لېكىن قازاقىستان ئاتالمىش «يەرشارىۋى جۇڭگوغا قارشى بىرلىك سەپ»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شىنجاڭدا تەسىس قىلىنغىنى قايتا تەربىيەلەش مەكتىپى، «جۇڭگو بارلىق قازاقلارنى <جازا لاگېرى>غا ھەيدەپ باردى»غا دائىر ئاشۇ قاراشلارمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭگولۇق قازاقلار ئالدى بىلەن جۇڭگو پۇقراسى، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئىش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. خەلقئارا قانۇن ۋە قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت كېلىشىمىگە ئاساسەن، قازاقىستاننىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، ئوخشاشلا، جۇڭگومۇ قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ باقمىغان. جۇڭگو قازاقىستان زۇڭتۇڭىنىڭ يۇقىرىقى ئىپادىسىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ توقايېۋنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دوستانە قوشنا دۆلەت ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ. زۇڭتۇڭ توقايېۋ بۇ يىل 9 - ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. زۇڭتۇڭ توقايېۋنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدا يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى دەستەك قىلىپ ھەدەپ قۇسۇر تېپىشى پاكىتقا تامامەن خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا تامامەن خىلاپ، بۇنداق رەزىل سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ