مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قانۇن لايىھەسى» ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆز يۇمدى  «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

2019.12.12 15:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر:

  «قانۇن لايىھەسى» ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆز يۇمدى «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى. شىنجاڭ ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار بەس - بەستە ئىنتايىن غەزەپلەنگەنلىكىنى ھەم ئامېرىكا تەرەپنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق سۇيىقەستنىڭ جەزمەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «قانۇن لايىھەسى» ھەقىقي ئەھۋالغا كۆز يۇمدى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن

  «بۇ، يالغان - ياۋىداق گەپ - سۆزلەر ئۈستىگە تۈزۈلگەن <قانۇن لايىھەسى>، ئۇنىڭ سۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تونى ئىچىگە يوشۇرۇنغىنى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك يامان نىيىتىدۇر.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يۈەنجاڭ زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  «مەن ئىلگىرى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغان، تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مەكتەپ ئىچىدىكى ئەركىن، جانلىق كەيپىياتنى ھېس قىلغانىدىم.» زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئېشىپتۇ، ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەت ئىگىلەپتۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئېشىپتۇ، كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپتۇ، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كىرىپتۇ.

  «ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر <قانۇن لايىھەسى>نى چىقىرىپ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلىشى ئۇلارنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىدىندۇر.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ماخمۇت ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  بۇ يىل 10 - ئايدا ماخمۇت ئابدۇۋەلى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا جەمئىيەت تەكشۈرگەن، ئابدۇقېيۇم ئىسىملىك كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئابدۇقېيۇمنىڭ ئۆيى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسىدا بولۇپ، ئۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، يېزىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ياردىمىدە، كىچىك تىپتىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قۇرغان. زاۋۇتتىكى ئىشچىلار دەل كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى ئارقىلىق تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلەر ئىدى. ماخمۇت مۇنداق دېدى: «بىر ئىشچىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئائىلە بار، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئائىلىسىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزىدۇ».

  «شىنجاڭ قوللانغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى قانۇن بويىچە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى، بۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامە، تەشەببۇسلاردىكى ئاساسىي پىرىنسىپقا ئۇيغۇن» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ شىڭخې ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۈيمىڭ.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى ھەر مىللەت خەلق باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولدى

  «ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ <ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق يوقىتىۋاتىدۇ> دەپ ئەيىبلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايلا قالماي، بەلكى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇۋاتىدۇ ۋە قوغدىلىۋاتىدۇ.» شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى مۇختەر ياسىن مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ كەلدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى دەرسلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ۋە ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا ئېرىشتى، «ئاتالمىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق!»

  شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ھۈسىيىن ھاشىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان ئون خىل تىل - يېزىق ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ھۆكۈمەت يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىلىرىنى قوغداش ۋە ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، «مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو ئەمىنى جەۋھىرى» «زۇكام جەۋھىرى» قاتارلىق مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  «شىنجاڭ ئون ئىككى مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ھالبۇكى بۇ خىل سەنئەت شەكلىنى دەل ھۆكۈمەت مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى چىقىرىپ قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى تاماملىغان، تېكىستكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.» ھۈسىيىن ھاشىم مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىن 83ى، دۆلەت دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسىدىن 64ى بار، ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرى %95تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.

  «مەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تۇغۇلغان. چوڭ بولغاندىن كېيىن مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، نەنجىڭ داشۆسىگە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى ماڭا بەرگەن.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم ياقۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودا تولۇق كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، بىزگە ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش <كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى> لازىم ئەمەس».

  جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

  ئالىملار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈز بەرمىدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنلار ئىناق - رايىش بولدى، ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەر - ئىتتىپاق، تۇرمۇش تىنچ - خاتىرجەم بولدى، بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەت ئاسان قولغا كەلمىگەن، ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.

  «سىلەرگە بىزنىڭ ئائىلە ئىشىمىزغا ئارىلىشىشقا كىم ھوقۇق بەردى؟ شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، بىز جۇڭگو پۇقراسى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە كۈچلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.» دېدى مۇختەر ياسىن.

  «شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ قول تىقىشى ھاجەتسىز، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ھازىرقى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.» ھۈسىيىن ھاشىم مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى توسۇپ قالالمايدۇ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ».

  زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: «جۇڭگوغا <قالپاق> كىيدۈرمەكچى بولغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلغانلىقتۇر. جۇڭگو خەلقى غەربتىكى بەزى سىياسەتۋازالار ۋە تاراتقۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، چېگرا سىرتىدىكى قارا قوللارنىڭ ۋاسىتە تاللىماي شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، <شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش> سىياسىي سۇيىقەستىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئۇلار بۇ قېتىم چوقۇم ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

  «ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن قەتئىي قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.» ئالىم ياقۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىپ، پىتنە - ئىغۋالاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىپ، زوراۋان، تېررورچى، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ يەنە ئارقا تىرىكى ۋە قوللىغۇچىسى بولماسلىقىنى رەسمىي يوسۇندا نەسىھەت قىلىمەن».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ