مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كارخانىلىرى «كەنتتە تۇرۇپ، يېزىنى يېتەكلەش» بويىچە تۈر تەسىس قىلىپ، كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا دەل جايىدا كۈچىدى

2019.12.12 15:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شى شىن، پىراكتىكانت جاۋ شىڭمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان كارخانىلار جەمئىي 149 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولغان، ھازىرغا قەدەر، 11 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 2018 - يىلى «دۆلەت كارخانىلىرى كەنتتە تۇرۇپ، يېزىنى يېتەكلەش بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلدى. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، سېتىش ۋە سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتى؛ كۆلەم، ساھە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نۇقتىسى ۋە نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش نۇقتىلىرىنى ئاساس قىلىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدىكى نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تۆت بىرىكمە كۈچ ئۆمىكى تەشكىللەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئايرىم - ئايرىم ئۇدۇللاشتۇرۇپ، «چوڭ كارخانا» بىلەن «كەنت باشقۇرغان زاۋۇت»نى تەڭ قۇرۇش، «ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىنى گۈللەندۈرۈش» بىلەن «كاپىتال تىجارىتىنى قانات يايدۇرۇش»نى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كارخانا ۋە تۈرلەرنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆلەملىك، تۈجۈپىلىك ئىلگىرى سۈردى.

  5 - ئايدا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كېباڭ مانگان سانائىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى ئىشقا ئاشۇردى، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى %65 پايغا ئىگە بولدى. كېباڭ مانگان سانائىتىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا 2 مىليون يۈەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلىغى ئىئانە قىلدى؛ شۇ جايدىكى 323 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  9 - ئايدا، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن خېرىدارلىق باھا بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى مۇخۇ مانگان كېنى، خوتەن ناھىيەسىدىكى داخۇڭليۇتەن لىتىي - بېرىللىي كۆپ مېتال كېنى تۈرىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ ھەرىكەت رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇھىم مانگان بايلىقى كەسىپ زەنجىرى بازىسى ھەم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئاز ئۇچرايدىغان مېتال يېشىل كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىشىغا ئاساس سېلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كارخانىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ئاتلىنىشىغا تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى.

  شىنجاڭ گوجىڭ كەپتەر باقمىچىلىقى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقى بويىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، گۆش كەپتىرىنى زامانىۋى بېقىش، نەسىللىك كەپتەر يېتىشتۈرۈش، كەپتەر بوغۇزلاش سوغۇق زەنجىرى، سۈپەتلىك ماركا ماركىتېڭى، دۆلەتنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى باقمىچىلىق كەسپىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىشىگە كۈچ قوشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 270 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىپ، ئۆلچەملەشكەن گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، يەم - خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتىدىن بىرنى ۋە كەپتەر بوغۇزلاش، پىششىقلاش زاۋۇتىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى 217 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 1500 نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى كېرىيەدە يېڭىدىن قۇرىدىغان ئايرودۇرۇمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى نۇقتىلىق تۈر قىلىپ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىدى، قۇرۇلۇشقا 772 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2020 - يىلى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. كېرىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش، تىرانسپورت تورى نوقۇل بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىدۇ، بۇ، رايون ساياھەتچىلىكىنى ئېچىش - تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى فوندنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش فوندى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ نامرات رايونلار(شىنجاڭ)دىكى كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش فوندىنى ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلىپ، جەمئىي 501 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقارماقچى بولدى، تۇنجى تۈركۈمدە قوللىغان شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرى، شىنجاڭ چىلان (خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ ھەممىسىدە تىجارەت باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ