مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە خالىغانچە قارا چاپلاشقا ۋە ئۇنى بۇرمىلاشقا بولمايدۇ

2019.12.12 15:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − خەلقئارادىكى زاتلار ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»گە رەددىيە بەردى

  يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. گېزىتىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارادىكى زاتلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» بىمەنە، ئاساسسىز بولۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.

  «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگوغا بوھتان چاپلىغانلىق ۋە ئارىلاشقانلىق

  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ماكسىمىلىئان كرات مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شۇنىڭدىن قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، شىنجاڭنىڭ ئىشى نوقۇل جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇسۇلى پاكىتقا تامامەن ھۆرمەت قىلمىغانلىق، قوش ئۆلچەم قوللانغانلىق، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇندى. بۇ قىلمىش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئوبرازىغىمۇ زىيان يەتكۈزدى.

  فىرانسىيە زاففېر ياۋروپا - ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، يەر سىياسەتشۇناسى بېي ۋېنجياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» روشەنكى جۇڭگوغا بوھتان چاپلىغانلىق. ھەممىگە ئايان، جۇڭگو شىنجاڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى بىلەن تەمىنلىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»دە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارالدى، ماھىيەتتە ئۇ تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق كۈچلىرىنى قوللىغانلىق.

  رۇسىيە موسكۋا داشۆسىنىڭ دوتسېنتى ئالىكساندېر نائۇموف گېزىتىمىز مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، قاتتىق جازالىنىشى كېرەك.

  بىرازىلىيە يەر شارىۋى جەنۇب تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئالىكساندېر فىگۇئېرېدو مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىنى قانۇن قىلىپ تۇرغۇزۇپ ئۇنى ئىچكى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى بەك نامۇۋاپىق بولدى، بۇ، خەلقئارا تەرتىپكە ئوچۇق - ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق. ئامېرىكا ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سۈنئىي داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەتتا دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆپەيتتى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، لېكىن ئىگىلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشكە پۈتۈنلەي ئاساسى بار، شۇنداقلا زەربە بېرىشى زۆرۈر.

  مىسىر كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى سالاخ ئازىل گېزىتىمىز مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنىڭ ھەقىقىي غەرىزى ۋە مۇددىئاسى «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنۇش، بۇ رەزىل غەرەزگە تولغان سىياسىي سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئازىل مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئامېرىكا پەش قىلغان ئاتالمىش مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەمەس، سىياسىي مەسىلە تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەسىلىسى.

  ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك

  تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش شۆيۈەنى يۈەنجاڭىنىڭ ياردەمچىسى، شيەنلو ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رەئىسى خۇڭ فېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»قا نىسبەتەن ئەسلىدىنلا قوش ئۆلچىمى بار. «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا چەت ئەللەردە تېررورىزمغا زەربە بېرەلەيدىغان بولدى، قوشۇنلىرىنى ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيەگە ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلالايدىغان بولدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، جۇڭگولۇقلارنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى تەشكىللەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىق بولدى. ئامېرىكا تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك، ئەجەبا جۇڭگو ئۇچرىسا بولامدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدا تېررورىزمغا زەربە بېرىشىگە يول قويماسلىق بىمەنىلىكتۇر، يولسىزلىقتۇر. كىشىلىك ھوقۇق ئالدى بىلەن ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلەردۇر. بۇ ئاساسلار كەم بولسا، كىشىلىك ھوقۇقتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدا نۇرغۇن مىللەت بار، ھەربىر مىللەت باشقا مىللەتلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاتالمىش ئالىملار، ھەتتا جۇڭگوغىمۇ كېلىپ باقمىغان تۇرۇپ، تەپتارتماي ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا لاپ ئۇرۇۋاتىدۇ. «بىز ئوخشاش ئۆلچەم بىلەن تېررورىزمغا ئېنىقلىما بېرىشىمىز كېرەك، ئامېرىكىنىڭمۇ ئوخشاش ئۆلچەم بىلەن ئۆزىگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  ياپونىيە شەھەر ئاھالىلىرى ئۆمىكى «سۇنشەن سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش»نىڭ كېڭەش باشلىقى تېڭتيەن گاۋجىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل يۈكسەلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئىناق بولۇپ ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ھالبۇكى ئامېرىكا تەرەپ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، پاكىت ئويدۇرۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى، ئۇنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇش. ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە جۇڭگو تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە قەستەن قارا چاپلاندى، بۇ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ بېرىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە ئۇلارنىڭ ساختىپەز قىياپىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئارىلىشىدىغان رەزىل قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى، گىۋانتانامو تۈرمىسى، ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىقلار توپىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئامېرىكا ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.» بېي ۋېنجياڭ ئوخشاشلا مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىشى كېرەك. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاش ئۇلارنىڭ جۇڭگونى ئاغدۇرۇش ۋە پارچىلاش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى، بۇ قىلمىشنى كىشىلەر ھەقىقەتەن ئېتىراپ قىلالمايدۇ. ئامېرىكا باشقىلارغا يول كۆرسىتىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك.

  ھىندونېزىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋېرونىكا گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇسۇلى ھەقىقىي مەنىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق. ئامېرىكا تەرىپىدىن ۋەزىيىتى قالايمىقانلاشتۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرى بۈگۈنگە قەدەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە داۋالغۇش ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە، كىشىلىك ھوقۇقتىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ

  قازاقىستان «ئوقەتچىلىك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى سېرىك قورجۇنبايېف كۆپ قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىمى بۇ يىل 7 - ئاي. «جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا تىرىشىپ گۈزەل تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى.» سېرىك مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ياشاۋاتقان ئېجىل - ئىناق كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تولۇق قوغدىدى ھەم ئاكتىپ تارقاتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات سۈرئىتى بارلىققا كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»گە پائال ئاۋاز قوشۇپ، بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. «شىنجاڭ ئاھالىلىرى ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، مۇقىم بولغان تۇرمۇشتىن رازى بولدى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى».

  قاتار ئاگېنتلىقىنىڭ سالاھىيەتلىك مۇھەررىرى كۇۋارى مۇخبىرىمىزغا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: مەن شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل، ئىناق، تىنچ بىللە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، غەرب تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ۋە بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئېيتقان ئەھۋاللار ئەسلا يوق ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، غەربنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى بۇرمىلىشى تامامەن «قاراقچى لوگىكىسى» بولۇپ، جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ رەزىل غەرەزنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى.

  مىسىر «پىرامىدا ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا سالاھىيەتلىك مۇخبىر سامىيەنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن بەتلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. سامىيە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ نەق مەيداندا چوڭقۇر زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم. «شىنجاڭ گۈزەل جاي، ئاز سانلىق مىللەتلەر دىنىي مەجبۇرىيىتىنى ئەركىن ئادا قىلالايدۇ، مەسچىتلەرنىڭ سانى ھەتتا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭكىدىنمۇ كۆپ.» جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالدى، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، ئەمما غەربنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بەزى خەۋەرلىرى تامامەن ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق.

  ۋېرونىكا مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قوللانغان سىياسىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدەك پاكىتنى كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنى ئالايىتەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قانات يايدۇرغان تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئاجايىپ نەتىجىلىك - ئۈنۈملۈك بولۇپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق چوڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى ھەم پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرگە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى، مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللار ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆگىنىشىگە، ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  نىگېرىيەنىڭ سالاھىيەتلىك تاراتقۇ ئەھلى، ئافرىقا جۇڭگو تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىمېيۋۇ نىگېرىيە «بۈگۈنكى گېزىت»تە ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆرنەك ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورىزمنىڭ تەھدىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ، دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى، «پۈتۈن دۇنيا بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى كېرەك». بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى تەجرىبىلىرىنى پائال كېڭەيتىشى كېرەك.

  پاكىستان مىللىي پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى قاسىم سۇرى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى ھەمدە پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان زۆرۈر تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ، غەربنىڭ سەلبىي تەشۋىقاتىنى قوللىمايدۇ. گەرچە بەزى غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈشىدەك پاكىتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاسىياغا تەۋە دەۋر يېتىپ كەلمەكتە. ئاسىيا ھەمدە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ۋە رايونلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  (خەلق گېزىتىنىڭ بېيجىڭ، بىريۇسسېل، پارىژ، موسكۋا، رىيودې ژانېيرو، قاھىرە، باڭكوك، دۇڭجىڭ، جاكارتا، نۇرسۇدان، ئابۇجا، ئىسلامئابادتىن 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بەرگەن تېلېگراممىسى مۇخبىرلار چۈ سۇڭ، جاڭ پېڭخۇي، ليۇ لىڭلىڭ، جاڭ گۇاڭجېڭ، لى شياۋشياۋ، خۇاڭ پېيجاۋ، جاۋ يىپۇ، ليۇ جۈنگو، شۈ ۋېي، جوۋ خەنبو، جياڭ شۈەن، دىڭ شۆجېن)

  («خەلق گېزىتى»نىڭ 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ