مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2019.12.12 15:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك دېلو:

  1. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك - كادىرلار تالاش - تارتىش كېسىم مەھكىمىسى سابىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى چېن يۇڭدېنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىسى. 2007 - يىلى 10 - ئايدىن 2018 - يىلى 6 - ئايغىچە، چېن يۇڭدې شەھەرلىك ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تەپتىش تارماق ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى، شەھەرلىك ئەمگەك - كادىرلار تالاش - تارتىش كېسىم مەھكىمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان مەزگىلدە، «ئەمگەك - كادىرلار كېسىم، دېلو بېجىرىش قائىدىسى»گە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، قانۇننى ئادىل، ھەققانىي ئىجرا قىلماي، ئەمگەكچىلەرنىڭ نورمال ئەرز قىلىشىغا كۆپ قېتىم ئارىلىشىپ، توسقۇنلۇق قىلىپ، بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئىشلەتكەن قىسمەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركەتلىرى، قۇرۇلۇش كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىش ھەققى ماجىراسى كۆرۈلگەندە قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان؛ ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ليۇ X قاتارلىق 16 كىشىنى شىركەتتە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم ئىشلەتكەن، دېگەن جازادىن قۇتۇلۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش يىللىق تەكشۈرۈشىدىن قۇتۇلۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشتىن كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىي 451 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پۇل، بۇيۇم قوبۇل قىلغان. 2019 - يىلى 8 - ئايدا، چېن يۇڭدېغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  2. تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى شىخۇ بازىرى داچۈەن كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى گاۋ شيۇيۈننىڭ ئاممىنىڭ ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىشنى باھانە قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تاپان ھەققى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015 - يىلى 1 - ئايدىن 2018 - يىلى 11 - ئايغىچە، گاۋ شيۇيۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىشنى باھانە قىلىپ، 23 كەنت ئاھالىسىدىن جەمئىي 115مىڭ يۈەن تاپان ھەققى ئالغان؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىشنى باھانە قىلىپ، بەش كەنت ئاھالىسىدىن جەمئىي 25 مىڭ يۈەن تاپان ھەققى ئالغان؛ 2017 - يىلى 6 - ئايدا، 2018 - يىلى 6 - ئايدا، گاۋ شيۇيۈن ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، 591.02 مو شەخسلەر كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى يۇقىرىغا تەكرار يوللاپ، 76 مىڭ 200 يۈەن ياردەم تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا، گاۋ شيۇيۈندە يەنە ئىنتىزامغا - قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، گاۋ شيۇيۈنگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  3 . ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى ئىتتىپاق يولى كوچا باشقارمىسى بىنخې يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى كۇمىلە ياقىيانىڭ داۋالىنىش ياردىمى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2009 - يىلى 8 - ئايدىن 2013 - يىلى 12 - ئايغىچە، كۇمىلە ياقىيا ئالتاي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، چىقىمنى ساختا مەلۇم قىلىش، تىزىملىكنى ساختا يوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ داۋالىنىش ياردەم پۇلى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - قۇتقۇزۇش ئۇن پۇلى، ياردەم پۇلى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 525 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا، كۇمىلە ياقىيادا يەنە ئىنتىزامغا - قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، كۇمىلە ياقىياغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  4. قومۇل شەھىرى بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شەننەن تەرەققىيات رايونى 1 - شۆبە رايونى سابىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ياڭ يەنمىڭنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۈتۈنۈش پۇلىنى ساختا مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2004 - يىلى 10 - ئايدىن 2019 - يىلى 4 - ئايغىچە، ياڭ يەنمىڭ ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر شۆبە رايوندىكى پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى لۈ X، تيەن Xنىڭ ئايرىم - ئايرىم 2004 - يىلى 9 - ئاي، 2008 - يىلى 12 - ئايدا ئۆلۈپ كەتكەنلىك پاكىتىنى يوشۇرۇپ، ئىككى كىشى تېخى ھايات دېگەن ساختا ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش شەكلى ئارقىلىق، ئىككى كىشىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۈتۈنۈش پۇلىدىن جەمئىي 573 مىڭ 100 يۈەننى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلىۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. 2019 - يىلى 8 - ئايدا، ياڭ يەنمىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  5. خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى سابىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يۈەنجاڭى مۇتەللىپ ئابدۇغەنىنىڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجە - ئۈنۈم مائاشىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015 - يىلى 3 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، مۇتەللىپ ئابدۇغەنى ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ بوغالتىرى ئا Xنى مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى 11 كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ 23مىڭ 700 يۈەن نەتىجە - ئۈنۈم مائاشىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى 18 مىڭ 700 يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەللىپ ئابدۇغەنىدە يەنە ئىنتىزامغا - قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2019 - يىلى 10 - ئايدا مۇتەللىپ ئابدۇغەنىگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى.

  6. ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى باي بازىرىنىڭ شەھەرلىك مەھەللە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى چېن جىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خىراجەتنى سېلىق سېلىپ ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2018 - يىلى 2 - ئايدىن 2019 - يىلى 4 - ئايغىچە، چېن جىڭ كۆچەت تىكىشكە كېتىدىغان ئىش ھەققىنى يىغىشنى باھانە قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر، تىجارەتچىلەرگە 41مىڭ 100 يۈەن كۆچەت تىكىش ھەققىنى سېلىق سالغان ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى 23 مىڭ 600 يۈەننى ئۆز نامىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى كارتىسىغا ئامانەت قويغان؛ 2019 - يىلى 1 - ئايدا، چېن جىڭ مېھىر - شەپقەت پاراۋانلىق تاللا بازىرى مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراشقا تەييارلىغان 25 ئۈلۈش گۈرۈچ، ئۇن، ياغنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 25 مەھەللە كادىرىغا تارقىتىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن. 2019 - يىلى 8 - ئايدا، چېن جىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  7. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچى نېرۇ بازىرى چولپان كەنتىنىڭ ئاياللار مۇدىرى ئالتىناي راماجاننىڭ ئاممىنىڭ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2018 - يىلى 9 - ئايدا، ئالتىناي راماجان چولپان كەنتىنىڭ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، 40 نەپەر ئاممىدىن ئالغان 10 مىڭ 400 يۈەن يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىپ، شەخسىي چىقىمىغا ئىشلەتكەن. 2019 - يىلى 10 - ئايدا ئالتىناي راماجانغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  8. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى بىلۇخۇ بازىرىدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەخسۇس كادىرى خې جىشيەننىڭ ئاممىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىپ ۋاقتىدا يۇقىرىغا تاپشۇرماسلىق مەسىلىسى. 2016 - يىلى 11 - ئايدا خې جىشيەن بۇ بازاردىكى دوڭزىگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لۇ X تاپشۇرغان 14 مىڭ يۈەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتا خىراجىتىدىن 13 مىڭ يۈەننى ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قېلىپ شەخسىي چىقىمىغا ئىشلەتكەن. 2019 - يىلى 4 - ئايدا، لۇ X پېنسىيەگە چىقىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشنى كۆپ قېتىم سۈيلىگەن ئەھۋالدا، خې جىشيەن تۇتۇپ قالغان 13 مىڭ يۈەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتا خىراجىتىنى ئاندىن يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ، لۇ Xنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى بەش ئاي كېچىكىپ ئېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن. 2019 - يىلى 11 - ئايدا، خې جىشيەنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە ئائىت يۇقىرىقى سەككىز تىپىك دېلو ئىچىدە ھەم ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا كۈچىمىگەن، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار بار ھەم ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان، قىسىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋالغانلارمۇ بار، بۇ مەسىلىلەر ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرغان، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا زىت بولۇپ، جەزمەن بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى زىچ چۆرىدەپ دەل جايىدا كۈچەپ، مەخسۇس تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋېزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپكە ئاساسەن، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئالدىن ئېتىبار قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرى؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاستا ئىش قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، باشتىن - ئاخىر جازالاش - ئىبرەت قىلىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ