مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ ئارقىلىق تۆھمەت قىلىش، قارا چاپلاشقا قايتۇرما زەربە بېرىمىز

2019.12.11 17:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ رايونىدىكى گاۋجياجۇاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ھىمىت ئەمەر

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى خالىغانچە بۇرمىلىدى ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلىدى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

  مەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، مەن تەلەيلىك بالا، ياخشى دەۋردە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگۈچە ئىزچىل پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى، مېھىر - شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ كەلدىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 2002 - يىلى جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدىكى بەش يىللىق ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەريانىدا، مەكتەپ مېنىڭ بارلىق ئوقۇش پۇلۇمنى كەچۈرۈم قىلىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە ماڭا ئاساسىي تۇرمۇش پۇلى بەردى، بۇ پۇللار يېزىدىن كەلگەن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇرمۇشتىكى غەم - ئەندىشەمنى تۈگەتكەنلىك، ئاتا - ئانامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىك. بەش يىللىق ئۆگىنىش جەريانىدا، مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگەندىم، كەسپىي دەرسلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگەندىم، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەريانىدا ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىللە يېتىپ - قوپۇپ، بىللە ئۆگەندىم. مەكتەپنىڭ كۆرسىتىشى، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە مەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. چەت ئەلدە مەن شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پەقەت ۋەتىنىمىزلا بىز جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۆلەنچۈكى ئىكەن، ۋەتەن بىزگە چەت ئەلدە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىزنى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مەن يەنە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن باش ئەلچىخانا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستۈمگە ئېلىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدۈم، ئۇلارنى باش ئەلچىخانا پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدىم، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى باش ئەلچىخانىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدىم. ئىلگىرىكى كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مېنى تۇغقان، مېنى ئۆستۈرگەن بۇ تۇپراقنى تولىمۇ بەك سېغىنغان، مېنى تەربىيەلىگەن، يېتىشتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغانىدىم.

  مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم شىنجاڭنىڭ كۈندىن - كۈنگە گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولىدۇ. مەن بالىلارنى مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم؛ نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلىقىنى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم؛ يېزىلاردا يول، توك، گاز، بىخەتەر سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم؛ شەھەرلەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا قاتناش تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى. ھازىر شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، مەيلى جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى بولسۇن، ياكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بولسۇن، ھەممىسىلا ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەسچىتلەردە «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش»، «توققۇزنى سەپلەش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، بىز چىن قەلبىمىزدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، بۇ، شىنجاڭ قوللانغان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرىدە ھەقىقىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتقا پىسەنت قىلماي، «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  بىز ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار قانچىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالغانسېرى، بىز ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە، مەن ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارغا رەسمىي يوسۇندا نەسىھەت قىلىمەنكى، داۋاملىق ئۆز بېشىمچىلىق قىلماڭلار، ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ! ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش دەل بارلىق بوھتانلارغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ