مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە قارا چاپلاشقا بولمايدۇ

2019.12.11 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاقئۆستەڭ يېزىسى بوستان كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئەنۋەر ئىمىن

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. مەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

  شىنجاڭ ياخشىمۇ - ياخشى ئەمەسمۇ، ئەلۋەتتە بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ دېگىنى ھېساب. مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا - ئانام ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ماڭا جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنى ئىگە قىلغانلىقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. مەن ئالدىدا جاپالىق، كېيىن بەختلىك بولغان بىر جەرياننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم: ئىلگىرى، ئۆيىمىز كېسەك بىلەن سېلىنغان بولۇپ، تۇرۇبا سۈيى ۋە توك يوق ئىدى؛ ئىشىك ئالدىمىز توپىلىق يول بولۇپ، يامغۇر ياغمىغان چاغدا ھەممە يەردە چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، يامغۇر ياغقاندا پاتقاق يولغا ئايلىناتتى؛ قاتناش قورالىمىز ئاساسەن ئات ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى ۋېلىسىپىت ئىدى، ھەر قېتىم ئاپتوموبىلنىڭ يولدىن ئۆتكىنىنى كۆرگەندە كىچىك ھەمراھلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ خېلى يىراققىچە يۈگۈرەيتتۇق؛ ئۆيدە بىرەرسى ئاغرىپ قالسا كېسەل كۆرسىتىش ھەمىشە ناھايىتى قىيىن بولاتتى، مەكتەپكە بېرىشتا دائىم ئۇزۇن يول مېڭىشىمىزغا توغرا كېلەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، بىز كەڭ، ئازادە، راھەت ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، پاتقاقلىق يوللار كەڭ، تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئايلاندى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس كەنتلەرگىچە قاتنىدى، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، ھەممە ئائىلىدە ھەر خىل قاتناش قوراللىرى بار بولدى. كەنتلەردە يەنە يەسلى، كىچىك مەيدان، كىچىك بازار بار بولدى، يۇرتىمىز بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتتى!

  ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز دىنىي خادىملارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى، بىزنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزدى، تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى. مەسچىتلەردە «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتى، مەسچىتتە يۇيۇنغىلى بولىدىغان بولدى، ناماز ئوقۇغاندا يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، قىشتا پار بار بولدى، يەنە تورغا چىقىپ يېڭىلىقلارنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.

  ئىلگىرى يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنى ھاياتىدىن ئايرىدى، مەن ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلاردىن شۇنى سورىماقچى، ئەجەبا بۇ سىلەرنىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»ىڭلارمۇ؟ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى خالىغانچە بۇرمىلىنىپ، قارا چاپلاندى. ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلار پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىق - مۇقىملىقى، ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىدەك چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتۇر.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى، دىنلار ئىناق، رايىش، شەھەر - يېزىلاردا جەمئىيەت تىنچ بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بىز شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

  شىنجاڭدا ماڭا ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشىشى ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە خاتىرجەم، ئازادە تۇرمۇش يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن بولدى. نەپكە ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان مېھىر - شەپقىتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر بىلىمەن، قەلبىم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولدى، مەن شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىمەنكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئاندىن بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ.

  مەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد قىلىشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە يىرگىنىشلىك ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن. بىز بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنى داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياخشى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان پاكىتلار ئارقىلىق تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغانلارغا ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ