مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى

2019.12.11 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاتۇش شەھەرلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى توختىگۈل سەمەت

  مەن ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، نىقابلىق كىيىم كىيىپ يۈردۈم، ئىدىيەم ئەسەبىيلەشتى، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئارىلاشتىم، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي ئىدىيەگە مۇناسىۋەتلىك سىنلارنى كۆرۈش ۋە تارقىتىشقا قىزىقتىم، ھەتتا «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دەيدىغان جىنايى نىيەتتە بولدۇم.

  2018 - يىلى 4 - ئايدا، مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە تىزىملىتىپ قاتناشتىم. بۇ جايدا مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندىم، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «دىن ئىشلىرى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىپ، قانۇن ئېڭىم روشەن كۈچەيدى. تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن قانۇن - ئىنتىزامغا بويسۇنۇشۇم كېرەكلىكىنى، ھەرقانداق دىن ۋە ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازىنىڭ يوقلۇقىنى؛ دۆلىتىمىزدە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش - قىلماسلىقتا ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب ئىكەنلىكىنى؛ ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنىنىڭ تىنچلىق، كەڭ قورساقلىق ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر تەرغىب قىلغاندەك «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە مەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگەندىم، ئىدىيەمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، مەن ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئىلگىرى مېنىڭ قانۇن ئېڭىم سۇس ئىدى، قانۇن بىلمەيتتىم ھەم قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغانىدىم. ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن نىقابلىق كىيىم كىيىشنىڭ ئەزەلدىن بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك ئادىتى ئەمەسلىكىنى، بەلكى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ زورلاپ تاڭغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن يەنە ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، بىلىملىك يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشۇم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم.

  2019 - يىلى 1 - ئايدا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى سۆزلىگەچكە، ناھايىتى تېزلا بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىدىن خىزمەت تاپتىم، ھەر ئايدا 2500 يۈەن مائاشىم بار بولدى. ھازىر مېنىڭ كۆڭلۈم يورۇدى، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، ئۆزۈممۇ روھلىنىپ، نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە قايتتىم. ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە دوست - بۇرادەرلەرنىڭ مەن بىلەن بولغان بېرىش - كېلىشى قويۇقلاشتى، مەن يەنە پۇل تېپىپ ئائىلەمنى باقالايدىغان بولدۇم، ئىلگىرىكى ئادەم دېسە ئادەمگە، ئالۋاستى دېسە ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغان ئاشۇ كۈنلىرىم كەلمەسكە كەتتى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى قۇتقۇزدى، ئائىلەمنى قۇتقۇزدى، مەن ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. مېنىڭ ئاشۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىدىن شۇنى سوراپ باققۇم بار، سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ سىلەر بىزنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ بىز توغرىسىدا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاشقا نېمە ھوقۇقۇڭلار بار. شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ، ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت خەلقنىڭ ئارزۇسى، ئاشۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەر ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپلا بۇزۇۋېتەلمەيدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، ماھارەت ئۆگىنىدىغان ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆگىنىشى ئاساسلىقى ئۆگىنىش ئەھۋالىغا باغلىق، ماڭا ئوخشاش تەربىيەلەنگۈچىلەر سەككىز، توققۇز ئايدىلا باھالاشتىن ئۆتۈپ تەربىيەنى تاماملىيالايدۇ. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتناشمىغان بولسام، مېنىڭ ھايات يولۇم ۋە ئىستىقبالىم، تەقدىرىم قاراڭغۇلۇققا تولۇپ، ھازىرقىدەك بۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنىڭ ھاياتىم، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى، بۇ نۇقتىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ! مەن باشقىچە غەرىزى بار ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق بولغان بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمايمەن، مەن ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ