مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلىرىم بەختلىك بولسا، مەنمۇ بەختلىك بولىمەن

2019.12.11 16:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پەيزاۋات ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەسى ئايشەمگۈل ئىسلام

  مېنىڭ ئىسمىم ئايشەمگۈل ئىسلام، پەيزاۋات ناھىيەسى قوشئاۋات بازىرى بايتوقاي كەنتىدىكى دېھقان، مەن بەش بالىنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى، ھازىر ھەممىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار، ئۈچ بالام ئۆي - ئوچاقلىق بولدى، مەن يەنە موما بولۇپ، ئائىلە شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمەن، بالىلىرىم ماڭا ئېلىپ كەلگەن بەختنى ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا ئاتا قىلدى.

  لېكىن، ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ «زەھەرلىك ئۆسمە» مېنىڭ چوڭ قىزىم جۈمەنىسا ۋە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر قەۋەت تۇمان پەيدا قىلغانىدى. مەن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەپ، باشقا بالىلىرىم ۋە ئائىلىمىزنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىشىم كېرەك.

  جۈمەنىسا ئالىي مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، دەسلەپتە مەكتەپتە نىقابلىق كىيىم كىيىپ يۈرۈپتۇ، كېيىن دەرستىن قاچىدىغان، ئۆزىنىڭ قارىشىدىكى ئاتالمىش «كاپىر»لار بىلەن بىر سىنىپتا دەرس ئوقۇمايدىغان، باشقا مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلمايدىغان، مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشمايدىغان، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن كىمنىڭ «مۇسۇلمان»، كىمنىڭ «كاپىر» ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان، ھەمىشە ئۆزى «كاپىر» دەپ قارىغانلارنى سەۋەبسىزلا ھاقارەتلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.

  ئەسەبىي ئىدىيە جۈمەنىساغا خۇددى جىن چاپلاشقاندەك چاپلىشىپتۇ، ئۇ دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، دائىم ئۇلارنىڭ مەخپىي يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق سىنلىرىنى كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭدا ھەتتا چېگرادىن چىقىپ «IS» تەشكىلاتىغا قاتنىشىش كۈچلۈك ئارزۇسى پەيدا بولۇپتۇ. جۈمەنىسا ئامال قىلىپ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، چېگرا سىرتىدا مەشىق قىلىشنىلا ئويلاپ يۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى خۇددى زەھەرگە ئوخشاش قىزىمنىڭ كاللىسىنى چىرىتىپ، ئۇنىڭ ئىدىيەسى، ھەرىكىتىنى كونترول قىلىۋاپتۇ، ئۇ دادىسى ئىككىمىز ئۇرغان تېلېفوننى ئالمايدىغان، سىڭلىسى بىلەنمۇ كۆرۈشمەيدىغان بولۇۋالدى، ئادەمگەرچىلىكىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزىمنىڭ گۈزەل كىشىلىك ھاياتى ۋە ئىستىقبالى مۇشۇنداق قىلىپ ئەسەبىي ئىدىيە تەرىپىدىن نابۇت قىلىنغىلى تاس قالدى.

  شۇڭا دادىسى ئىككىمىز ئىزچىل جۈمەنىساغا تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەربىيەنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدۇق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى، ئۇنىڭ قايتىدىن ئادەم بولۇپ، نورمال تۇرمۇشقا قايتىشىنى ئۈمىد قىلدۇق.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ماھارەت ئۆگىنىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، قىزىمنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈن ئاستا - ئاستا يېشىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، يەنە تېخى تاماق، ياتاقمۇ ھەقسىز ئىكەن. تەلىم - تەربىيە مەركىزى يەنە ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، قىزىقىش سىنىپلىرى ۋە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تاللىغان ئېلېكتىرون قۇراشتۇرۇش دەرسلىكلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچكە قايتا ئېرىشتۈردى. بولۇپمۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ھەرقايسى ئوقۇتقۇچىلار قىزىمغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىزىم بىلەن سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ، قىزىمغا تۇغقاندارچىلىقنى چۈشەندۈردى، سىياسەتنى چۈشەندۈردى، قانۇننى چۈشەندۈردى، كەلگۈسىنى چۈشەندۈردى، جۈمەنىسانىڭ چېھرىدە ئاستا - ئاستا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، چىن دىلىمىزدىن خۇشال بولدۇق.

  ھازىر جۈمەنىسا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قىزىمغا ۋە پۈتكۈل ئائىلىمىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت يەنە ئۇنىڭ ناھىيەنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بەردى، جۈمەنىسا پەيزاۋات ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتى بار بولدى.

  ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھايات قىممىتىنى يېڭىباشتىن تاپقان جۈمەنىسا، ھازىر ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. قىزىم: ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولىمەن، دېدى. ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قىزىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىدىن خۇشال بولدۇم. جۈمەنىسانىڭ كەچۈرمىشىنى ھازىرقى ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ، مەنمۇ دائىم شۇنداق ئويلايمەن: ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشى ۋە تەربىيەلىشى بولمىغان بولسا، جۈمەنىسانىڭ بۈگۈنكى كۈنى بولامتى؟ ئەگەر تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگەنمىگەن، تەربىيەلەنمىگەن بولسا، جۈمەنىسانى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولامتى؟ ئەگەر جۇڭگودا ياشىمىغان بولساق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى بولامتى؟ شۇڭا مېنىڭ ئائىلەمگە ئوخشاش ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بالىلارنى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

  ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشتۈر. بۇ يىل ئائىلەم ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇشاللىق ئىشلار ئۈزۈلمىگەن يىل بولدى. 8 - ئايدا، مەن ئالدى بىلەن موما بولدۇم، 10 - ئايدا، چوڭ قىزىم جۈمەنىسا توي قىلدى، كۈيۈ ئوغلۇم دۆلەت مەمۇرى، ئۇلار يەنە سەنياغا بېرىپ شېرىن ئاي ئۆتكۈزدى، تۇرمۇشى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئىككىنچى قىزىم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسىنى پۈتكۈزگەن چوڭ ئوغلۇممۇ دۆلەت مەمۇرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەن كىچىك ئوغلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى، بۇلتۇر جېجياڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنى پۈتكۈزگەن كىچىك قىزىم ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدى. بەش بالامنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى، ھەممىسىنىڭ قىزغىن سۆيىدىغان خىزمىتى بار، بۇ مېنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ.

  بالىلىرىمنىڭ بەختى مېنىڭ بەختىم. بىزنىڭ ئائىلىمىز شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئاددىي ئائىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ يەردە ئائىلەمنىڭ ھېكايىسىنى دادىللىق بىلەن سۆزلىشىمدىكى سەۋەب، ھەممە ئادەمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇشىنى، بالىلىرىغا چوقۇم كۆزىنى روشەن ئېچىش، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇرۇشىنى، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ