مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن پاناھگاھ

2019.12.10 16:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قاغىلىق ناھىيەسى يىلقىچى يېزىسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى زەينۇر مەمەت

  مېنىڭ ئىسمىم زەينۇر مەمەت، ئۆيۈم قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا، ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى ئىدىم. مەن خەۋەردىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» تۈزگەنلىكىنى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە «جازا لاگېرى» دەپ قارا چاپلىغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە بىر يىلدىن ئارتۇقراق ئۆگەندىم، تۇرمۇش كەچۈردۈم، بۇ يەر پۈتۈنلەي تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا، قانۇن بىلىملىرىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئوچۇق شەكىلدىكى جەمئىيەت مەكتىپى، بىز تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىزدىكى پاناھگاھ، ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ جۆيلۈگىنىدەك «جازا لاگېرى» ئەمەس.

  ئىلگىرى مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، جەمئىيەتكە ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزدۈم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا تەلىم - تەربىيەگە قاتنىشىش پۇرسىتى بېرىپ، مېنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالدى.

  ئىلگىرى، مەن يان تېلېفوندا تورغا چىقىش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بار سۈرەت ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن - سىنلىرىنى كۆرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، «غازات» قىلىش قۇرۇق خىيالىدا بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىشنى خام خىيال قىلغانىدىم. ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ھوشۇمنى تاپماي داۋاملىق خاتالىشىۋەرمەسلىكىم ئۈچۈن كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىپ توستى، لېكىن گەپ قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئەھۋالىمنى مەھەللە كادىرلىرىغا ئېيتتى. مەھەللە كادىرلىرى كۆپ قېتىم ئىزدەپ كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلاشتى ھەم ماڭا مۇنداق دېدى: «سىز يەنە ھوشىڭىزنى تاپمىسىڭىز، پۇشايمان قىلمىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان ئېلىپ كېلىسىز.» كېيىن، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، مەن قاغىلىق ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە قاتناشتىم.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشىدە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دەرسلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىشنى قىلسا بولىدىغان، نېمە ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم، پەقەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايانغاندىلا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە، مەن يەنە سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش يېتەكچىسى ۋە ياتاق باشلىقى بولدۇم.

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەمئىيەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى، مېنىڭ ئائىلەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ماڭا بىر قېتىملىق ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش، خاتالىقىمنى تۈزىتىپ يېڭىدىن ئادەم بولۇش پۇرسىتى بەردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن نۇرغۇن قىممەتلىك بايلىققا ئېرىشتىم، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەم ئۆستى، قانۇن ئېڭىم كۈچەيدى، يەنە ماھارەت ئىگىلىدىم، بولۇپمۇ كاللامدىكى ئەسەبىي ئىدىيەنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىدىن يىراقلاشتىم. بۇ كەچۈرمىشلىرىم ۋە ھاسىلاتلىرىمنى چوقۇم بىر ئۆمۈر ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، بىر ئۆمۈر مەنپەئەتلىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنىڭ خاتالىقىم سەۋەبلىك ئائىلەمدىكىلەر ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمنى كەمسىتمىدى، ئۇلار باشقا ئاممىغا ئوخشاش داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، مائارىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلىرىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى، كۆيۈنۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە بولغاندا «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنىڭ شۇنچە ياخشىلىقى، بىز پۇقرالارغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى چوقۇم ياخشى قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكى» توغرىسىدا ئەڭ كۆپ سۆزلىشىمىز. بىراق قۇرۇق گەپ قىلساق بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن چوقۇم داۋاملىق قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، توغرا - خاتانى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، قانۇن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىمنى قوغدايمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە زەھەرلىشىگە ئەمدى قايتا ئۇچرىمايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن ئاشۇ رەزىل دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا شۇنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر يەنە ئاشۇ يىرگىنچلىك ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ساددا ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىمىز ۋە زەھەرلەيمىز، دەپ خام خىيال قىلىشماڭلار. مەن يەنە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بارغانسېرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، كىشىلىك ھوقۇق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بىز سىلەرنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق قوش ئۆلچىمىڭلار ۋە ساختا، بەتبەشىرە زومىگەرلىك لوگىكاڭلارنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇق؛ ھەرقانداق سۇيىقەستىڭلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ