مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلام، شادىمان نەۋرە قىزىم قايتىپ كەلدى

2019.12.10 16:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىن دېھقان رەھمىتۇللا ھاجى

  مېنىڭ ئىسمىم رەھمىتۇللا ھاجى، بۇ يىل 81 ياشقا كىردىم، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ باغتوغراق كەنتىدىكى دېھقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالار خاتىرجەم ياشايدىغان بولدى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ تىنچ - خاتىرجەم، ئېجىل - ئىناق ئۆتمەكتە. بالىلىرىم، نەۋرىلىرىم ۋەتەننىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، خۇشال - خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم.

  كۆپلىگەن بالىلىرىم، نەۋرىلىرىم ئىچىدە، مەن نەۋرە قىزىم چىمەنگۈلنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن. 2012 - يىلى، ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇ ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى. 2017 - يىلى 7 - ئايدا، چىمەنگۈل ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، مەن دەل نەۋرە قىزىمنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى، تۇيۇق يولغا مېڭىشقا تاسلا قالغانلىقىنى بايقىدىم.

  چىمەنگۈل داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتقان بىر قانچە ئايدا، مەن ئۇنىڭدا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ بارغانسېرى ئەسەبىي بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، ئۆيىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغىلى قويمايتتى، مەيلى يەيدىغان، ئىشلىتىدىغان، كىيىدىغان نەرسە بولسۇن، ھەممىسى «مۇسۇلمانچە» بولسا ئاندىن بولىدۇ دەيتتى، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن ئۆي، تارقاتقان ھەرخىل ماددىي ئەشيالار ۋە تولۇقلىما پۇل قاتارلىقلارنى ئۇ «مۇسۇلمانچە ئەمەس، ھەممىسىنى ئېلىشقا بولمايدۇ» دەيتتى. مەن ناھايىتى ئەندىشە قىلدىم، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەن نەچچە ئون يىل ياشىدىم، يەنە ھەرقايسى مىللەتتىن كۆپلىگەن دوست تۇتتۇم، بولۇپمۇ مەن تونۇيدىغان خەنزۇ كادىرلار شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىغا پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كەتتى. ئۇلار بىز بىلەن ناھايىتى يېقىن، بىزگە ياردەم قىلىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. كېيىن مەن ئاندىن بىلدىمكى، چىمەنگۈل داشۆدىكى مەزگىلدە توردىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «دوست»لىرىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۈسىنى ئالغان سىن ۋە ماقالىلەرنى كۆرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاستا - ئاستا، مەن ئۇنىڭ چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك سەبىيلىك، جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇمنى كۆرمىدىم، گەپ - سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ مىللىي بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن تولغانىدى. ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پاتقىقىغا بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىمىز ناھايىتى جىددىيلەشتۇق.

  2017 - يىلى كۈزدە، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن چىمەنگۈل كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كىرىپ ئۆگەندى. دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ مەكتەپتىكى تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن، ئۆگىنىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم. مۇشۇ گۇمانلار بىلەن بىر كۈنى مەن ئالايىتەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ نەۋرە قىزىمنى يوقلىدىم، ئۇنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، ئىگىلىدىم. مەن گۈزەل ئۆگىنىش مۇھىتى، تەملىك تاماق - قورۇمىلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا مەن خاتىرجەم بولدۇم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيەلىشى، قۇتقۇزۇشى بىلەن چىمەنگۈلنىڭ روھىي ھالىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، مىجەزىمۇ ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى، ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئۇ ماڭا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە يۈزبەرگەن قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى.

  تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، چىمەنگۈل دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دەرسلىكلەرنى ئۆگەندى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق قانۇن بىلىملىرىنىڭ ئىنتايىن زور ئاشقانلىقىنى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىشنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، نېمە ئىشنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز قورقماڭ، ۋاقتىدا تۈزەتسىڭىزلا كېچىكمەيسىز، دېدىم. مەن ئۇنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ياخشى ئۆگىنىپ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئىقتىدارىنى ياخشى ئۆستۈرۈپ، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ياخشى كۆرىدىغان بىر خىزمەت تېپىش ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردۈم.

  ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، چىمەنگۈل بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى يەردە قويماي، ئەلا نەتىجە بىلەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىدى.

  ھازىر نەۋرە قىزىمنىڭ ئاپتاپتەك ئوچۇق تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا مەمنۇن بولدۇم. بۇ ئىش ئارقىلىق مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلىشىگە، ياخشى - ياماننى ئېنىق ئايرىيالىشىغا ئىشىنىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيەسىدىن، قۇتقۇزۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مېنىڭ نەۋرە قىزىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە، قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇنى تاشلاپ قويمىدى، بەلكى ئۇنى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە ھەقسىز قاتناشتۇرۇپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلدى، ماڭا شوخ، ساغلام، شادىمان نەۋرە قىزىمنى يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەردى، بۇ مېنى قانداقمۇ تەسىرلەندۈرەلمىسۇن؟

  چىمەنگۈل تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى. كېيىن ئۆيىگە يېقىنلىقىنى ئويلىشىپ، ئىدارە ئۇنى قىزىلسۇ يېزىسىغا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ھازىر، ئۇ كۈندە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن مېنى يوقلاپ كېلىپ، ماڭا خىزمەت، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ شاد - خۇرام ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىمۇ خېلى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمىتىگە قاتنىشىش بىر تۈرلۈك شەرەپ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكى، سىز ياخشى تىرىشىشىڭىز، يۇرتداشلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىڭىز، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.» چىمەنگۈل ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ بالدۇرراق بىر كومپارتىيە ئەزاسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ھازىر بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى يەنە قايتىدىن ئىزىغا چۈشتى. قىزىم، كۈيئوغلۇم، ئوغۇل نەۋرەم، قىز نەۋرەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى بار، مەن بىلەن خوتۇنۇم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. ئىشىكىمىز ئالدىدىكى ئاسفالىت يول، ئائىلىمىزنىڭ ئەمىن ئۆيى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى. مېنىڭ نەۋرە قىزىم چىمەنگۈلنىڭ ھازىر خىزمىتى مۇقىم، تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاشى بار، يەنە 1800 يۈەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ھۆكۈمەت يەنە بەش خىل سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. گەرچە مەن پەقەت ئاددىيغىنا بىر دېھقان بولساممۇ، لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم ماڭا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، بۇنداق مېھىر - شەپقەتنى بىز مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ