مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار، ئاغزىڭلارغا كەلگەنچە بىلجىرلىماڭلار

2019.12.10 16:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى تامئېغىل كەنتىدىكى تامئېغىل مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇسېلىم مىجىت

  مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇسېلىم مىجىت، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىنىڭ تامئېغىل كەنتىدىكى تامئېغىل مەسچىتىنىڭ ئىمامى. خەۋەردىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئاددىي ئۇيغۇر ئامما، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، سەنلەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھە»يىڭلار خاتا، بىمەنىلىكتە ئۇچىغا چىققان. سەنلەرنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىڭلار بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ھېسسىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى، ھاقارەت كەلتۈردى ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلدى.

  مەن ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارغا ئۆز كەچۈرمىشىمنى سۆزلىمەكچىمەن، كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىمەكچىمەن.

  مەن بىر ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - بوۋىلىرىمنىڭ ھەممىسى دېھقان، كىچىك ۋاقتىمدا، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، مەن ۋە ئاكا - ئاچىلىرىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا ئۆيدە ئاتا - ئانامغا ياردەملىشىپ يەر تېرىپ، خاتىرجەم كۈن كەچۈرەتتۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، كېسەك ئۆيىمىز خىش ئۆيگە ئۆزگەردى، كۆل سۈيى ئىچىشتىن تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدۇق، ياخشى يېيەلمەسلىكتىن ياخشى يېيەلەيدىغان بولدۇق. ھازىر مەن پىكاپ ھەيدەيمەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىمەن، ئۆيىمىزدە ھەر خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكىمنى دېمەيلا قوياي. لېكىن، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، كەنتىمىزدە بىر قىسىم غەلىتە ھادىسىلەر كۆرۈلدى، چاچلىرىنى تال - تال ئۆرۈپ يۈرىدىغان قىزلار يوقاپ، نىقابلىق كىيىم كىيىپ يۈرىدىغان ئاياللار پەيدا بولدى؛ ناغرا - سۇناي چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، مەشرەپ ئوينايدىغان تويلار يوقاپ، ناخشا ئېيتمايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىمايدىغان، كىشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغان تويلار پەيدا بولدى؛ ھەتتا بالىسى ئانىسى ئەتكەن تاماقنى يېمەيدىغان، بالىلىرى ئاتا - ئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغان قاتارلىق ئادەم چۈشەنمەيدىغان ئىشلار پەيدا بولدى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كەينى - كەينىدىن يۈزبەرگەن بىر قاتار بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ماڭا زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ بىزنىڭ تىنچ - خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېنىق تونۇتتى.

  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز ئويلىغاننى ئويلاپ، بىز ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە زەربە بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، يەنە بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يولغا قويدى، كەنتىمىزدە زاۋۇت قۇرۇلدى، بىز كەنتتىن چىقمايلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇق؛ كەنتىمىزدە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرى توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزسە بولىدۇ، كۆپ قولايلىق بولدى؛ كەنتىمىزدە يەنە يەسلى قۇرۇلدى، بالىلار ھەقسىز ئوقۇيدۇ، ھەقسىز تاماق يەيدۇ. بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، دادام تۇنجى قېتىم ئوغلۇمنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇشال ھالدا ماڭا يەسلىنىڭ مۇھىتىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى، تاماق - قورۇمىلىرىنىڭ قانچىلىك مول ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، ئۆزى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتنى ئەسلەپ، دادام ناھايىتى خورسىندى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا، دەرسخانا بىر ئەسكى ئۆي بولۇپ، قەلەم ۋە قەغەز بولمىغاچقا، تاياقچە بىلەن يەرگە يېزىپ ئۆگىنەتتىكەن، مۇئەللىم تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قولى بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىپ داۋاملىق يازاتتىكەن. دادامنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرمۇشىنى ئويلاپ، بىزنىڭ ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشىمىزغا قارايدىغان بولساق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلىيەلمەيمىز.

  بىز جاسارەتكە تولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى يارىتىۋاتقاندا، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى. كەنتىمىزدە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن گۇۋاھچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يامان غەرەزلىك سىياسەتۋازلارنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، سەنلەرنىڭ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھوقۇقىڭلار يوق؛ سەنلەرنىڭ ئاغزىڭلارغا كەلگەنچە بىلجىرلاپ، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى دەپسەندە قىلىش ھوقۇقىڭلار يوق. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىز توغرىسىدا، بىز ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز توغرىسىدا، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدە ئەڭ ئېنىق سان بار. كىمىكى بىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنىدىكەن، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى قەتئىي قوشۇلمايدۇ. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سەنلەرنىڭ بىمەنە سەپسەتەڭلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، سەنلەرنىڭ رەزىل ھىيلە - مىكرىڭلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، سەنلەرنىڭ رەزىل سۇيىقەستىڭلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ