مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەققانىي تەدبىر

2019.12.10 16:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ئەسەت زاكىر

  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى پاكىتقا، ئەمەلىي ئەھۋالغا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا داغ تەگكۈزۈپ، قارا چاپلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن ھېسسىياتىغا كۆز يۇمۇشتەك رەزىل قىلمىش. بۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى بولمىغان قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ ئوچۇقتىن - ئوچۇق «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ، مەدەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، جۇڭگونى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەردى. مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

  1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى تۇغدۇرۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ پەيدا قىلدى. كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋال ئالدىدا، ئاپتونوم رايون قانۇن - نىزامغا ئاساسەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك توستى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇردى.

  شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى مەنبەدىن تۈزەيدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر، بۇنىڭدىكى مەقسەت تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان ۋە يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش بولۇپ، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛ تامامەن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى بولۇپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى قوغدالدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىدە بولۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم دىنىي ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن - نىزام، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆسۈپ، قانۇنچىللىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ مەنىۋى كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى ھەم تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ماھارىتى ئارقىلىق خىزمەت تېپىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەرگە ئايلاندى. 2018 - يىلى 12 - ئايدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك، گۇرۇپپا، 90 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك: شىنجاڭدىكى ئەھۋالنىڭ غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دېيىشتى. بۇ يىل 7 - ئايدا، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. 10 - ئايدا، 60 نەچچە دۆلەت 74 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە بەس - بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى تەرىپلىدى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى بولغانلىقى ئەمەلىيەت، بۇ پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.

  مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، بۇ كىشىلەرنى ئەمدى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئارقا تىرىكى ۋە قوللىغۇچىسى بولۇۋەرمەسلىككە، شىنجاڭغا قارا چاپلاش، تۆھمەت قىلىشنى توختىتىشقا كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەن. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا، پەقەت شىنجاڭ خەلقىنىڭلا سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى بار، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا قۇدرەتلىك ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى بار. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن - نىزاملارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، قانۇنچىللىق روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقىم، قەتئىيلىكىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن؛ شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، گۈزەل ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ