مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىمىز

2019.12.10 16:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ئەسلا كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلو(ۋەقە)لىرى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى. رېئال تەھدىت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى سىجىل يولغا قويدى؛ يەسلى مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 15 خىل ئېغىر كېسەلنى مەركەزلىك داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە سوزۇلما كېسەلگە كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلىدى؛ يېزا نوپۇسىدىكى ئاغرىقلارنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، رايون ئىچىدە ئالدى بىلەن دىياگنوز قويۇپ داۋالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەق تۆلەش ۋە بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمىن ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتتى؛ شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى سىجىل ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشىدىكى مۇھىم پىرىنسىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى ئورتاق شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى توسۇش، ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى كۈچلۈك قانۇن قورالى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى باشتىن - ئاخىر پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، سادىر قىلغان باشلامچى ئۇنسۇرلار، تايانچ ئەزالار، جىنايى قىلمىشى ئېغىر، زور بولغانلارنى، ھەمدە ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەرنى سادىر قىلىپ، مەمۇرىي جازا، جىنايى جازا بېرىلگەنلەرنى ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنسىمۇ، يەنە زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان جىنايى پائالىيەت سادىر قىلغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر جازالىدى؛ جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك، خەۋپى ئانچە چوڭ بولمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ پۇشايمان قىلغانلارنى، ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قايمۇقتۇرۇلۇپ، مەجبۇرلىنىپ قاتناشقانلارنى قانۇن بويىچە يېنىك جازالىدى؛ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازالاپ، جىنايى جازانىڭ تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. قانۇن بويىچە جىنايەتنى جازالاش بىلەن بىللە، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىپ دەۋا قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، تەرتىپ ئادىللىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ قوغدالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ قانۇن بويىچە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنى كۈچلۈك توستى. دىنىي ئەسەبىزمنىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، ئۆيلىنىش، داۋالىنىش قاتارلىقلارغا ئارىلىشىش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىگە بولغان تونۇشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. قانۇن بويىچە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك نىزاملارنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىپ ياكى تۈزىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىپ، ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى مەنبەدىن يوقىتىپ، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

  قانۇن بويىچە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ نېگىزىدىن قوغدىغانلىق. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن سوت قىلىش فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەققانىيەت كىشىلەرنىڭ قەلبىدە. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشسىلا، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ