مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2019.12.06 16:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پاكىتقا پەرۋا قىلماي، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش بىمەنىلىك، شەرمەندىلىك

  خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت چاپلىغان، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزغا خالىغانچە قارا چاپلىغان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان، پاكىتقا پەرۋا قىلماي، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغان، كەمسىتىش ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە تولغان، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا كۆز يۇمغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ساختا، رەزىل، بىمەنە، شەرمەندىلىكىنى ئاشكارىلىدى، خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» پۈتۈنلەي «قوش ئۆلچەم» ۋە زومىگەرلىك لوگىكىسى بويىچە كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قالايمىقان سۆزلەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق؛ ئامېرىكا بۇ خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ يەل بەردى، بىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك، تىنچ تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بۇ، ھەقىقەتەنمۇ غالجىرلاشقانلىق، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بەردى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زوركۈچ بىلەن يولغا قويدى. ئاشۇ ئىلگىرى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم - تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى ۋە قۇربانى بولۇشتىن ساقلىنىپ قالدى. ھازىر، بىزنىڭ يۇرت - ماكانىمىزدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى. بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تۇرمۇشىمىز ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، تۇرالغۇمىز كاپالەتكە ئىگە، سەپەرگە چىقساق پويىز، ئايروپىلان بار، كېسەل كۆرسەتسەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز، ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالەتكە ئىگە، ھەرمىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق، خاتىرجەم ياشىماقتا. خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى كالتە تۈگمەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بالىلىرىمىز بۇ يىل ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلىگە كىردى، ئوقۇش ھەققى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنغان، بىر كۈندە يەنە ئۈچ ۋاق تاماق، ئىككى ۋاق ئۇششاق يېمەكلىك بار، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ياخشى تەربىيەلەيدۇ، بىز ئاتا - ئانىلار خاتىرجەم بولدۇق.» خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى خۇڭشىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: «ھازىر تەبىئىي گاز ئۆيىمىزگە تۇتاشتۇرۇلدى، تاماق ئېتىش، يۇيۇنۇشنىڭ ھەممىسىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق.» خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچىسى كەيشۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممە كىشىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، چوڭ - كىچىك كېسەلنىڭ ھەممىسىنى ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ، كېسەل كۆرسىتىشمۇ قولايلىق، ساغلاملىق سەۋىيەمىز بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئۆستى.» بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت بىزگە بەرگەن، «ئۈچ خىل كۈچ» بەرمىگەن، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» بەرمىگەن! بىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەن - كەچۈرمىگەنلىكىمىز توغرىسىدا ئۆزىمىز ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

  «ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزاق يىلدا.» ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا مەدەت بېرىپ قۇتراتقان «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئېلىپ كەلگىنى پەقەت ئاپەت، ھالبۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئېلىپ كەلگىنى ھەقىقىي بەخت، تىنچلىق ۋە بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتقان تۇرمۇش. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، نۆۋەتتىكى مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلگەن، بىز چوقۇم ھەسسىلەپ ئاسرايمىز، ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز.

  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار! ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا بىز ھەرگىز قوشۇلمايمىز!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ