مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2019.12.06 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يامان غەرەزدە داغ تەگكۈزۈپ ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەپ، شىنجاڭغا جېنىنىڭ بارىچە قارا چاپلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار چەكسىز غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل غەرىزى ئاشكارىلانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقمۇ بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

  چەكسىز غەزەپلىنىش، قەتئىي قارشى تۇرۇش

  «شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>دە جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بۇرمىلىنىپ، قارا چاپلىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ئاساسسىز ئەيىبلەندى. زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىغا تۇغقان يوقلاشقا بارغان ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گۈلنار ئوبۇل ئورۇنلۇق ۋە كەسكىن سۆزلەپ.

  گۈلنارنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇرۇشلۇق سېرىقبۇيا بازىرى ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، بىر قىسىم بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندىكى سېرىقبۇيا بازىرىدا خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ - ئىناق بولۇپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان ئايال تەربىيەلەنگۈچىلەر نىقابلىق كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ، گۈزەل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولۇپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قانۇن بويىچە قوللىنىلغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەسەبىزمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تەدبىر، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىلغان تەدبىرى، ھەققانىي تەدبىرى.

  «ئامېرىكا <كىشىلىك ھوقۇق> نامىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، شىنجاڭغا تۆھمەت قىلدى، قارا چاپلىدى، ئۇنىڭ رەزىل غەرىزىنى بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يۈەنجاڭ زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى. شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىق بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەق - ناھەق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن خاتا سۆز، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە خالىغانچە قارا چاپلىغانلىق.

  زۇلھاياتنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىلگىرى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، يېڭى ماھارەت ئۆگىنىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ يېڭى بىر بېتىنى ئاچقانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسلىنىپ يولغا قويۇلغان، ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، شۇنداقلا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرى ئازايدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق.

  «شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>دە ئاق - قارا ئايرىلماي، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈلۈپ، كىشىلىك ھوقۇق دەستەك قىلىندى، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلەندۇق، كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى كومپيۇتېر پەن - تېخنىكىسى شۆيۈەنى 2016 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ ۋېنجىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىككى كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ساختا ياخشىچاق قىياپىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق بايقاپ، ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا «ياق» دەپ ھەم ئەتراپىمىزدىكىلەرنى يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايمىز، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قوغدايمىز.

  شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» پۈتۈنلەي قالايمىقان جۆيلۈگەنلىك

  شىنجاڭنىڭ ئىشىنىڭ ياخشى قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب.

  «ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقۇم بار. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> ئاق - قارىنى پۈتۈنلەي ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پاكىتقا پەرۋا قىلماي، يالغان - ياۋداق سۆز ئويدۇرۇپ چىقىپ، قانداقتۇر <ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى> دېيىشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ.» دېدى خوتەن ناھىيەسى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى شىرئەلى روزىئايىت ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

  شىرئەلى مۇنداق دېدى: تەلىم - تەربىيە مەركىزى بىر مەكتەپ، ئۆلچەملىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈم، دەرس سېتكىسى، تاماق تىزىملىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللاندى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇقى مول مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلىشى تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئائىلىدەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. «ئىلگىرى مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى رەت قىلىپ، كۈنلىرىم بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتكەنىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىن مەن قايتىدىن يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدنى كۆردۈم. مەن ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈزەل يۇرت - ماكانى، سىلەرنىڭ بۇ خىل ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان سۇيىقەستىڭلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېدى شىرئەلى.

  «شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> پۈتۈنلەي قالايمىقان جۆيلۈگەنلىك، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا پەرۋا قىلماي، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىپ، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېدى قاغىلىق ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى سۈبىنۇر مەمتىمىن غەزەپلەنگەن ھالدا.

  سۈبىنۇرنىڭ دېيىشىچە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش ئۇنىڭ كاللىسىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىشقا ياردەم قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. ئەڭ چوڭ ھوسۇلى قانۇن بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە، مەجبۇرىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ كۈچەيگەنلىكى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ شۇ جايدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت ئورنىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئۆزى ئۆگەنگەن قانۇن بىلىملىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئاممىغا ياردەم قىلغان، تۇرمۇشى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتۈۋېتىپتۇ. «تەلىم - تەربىيە خىزمىتى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنكى خاتىرجەم تۇرمۇشۇم بولمايتتى، ئامېرىكىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كەلسە - كەلمەس قول تىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن» دېدى سۈبىنۇر.

  ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ھامان ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ

  «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> تېررورىزمنى قوللىغانلىق، يامانغا يانتاياق بولغانلىق بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ھامان ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ». شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ - نەپرەتلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىلگىرى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ بىر مەزگىللىك ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق روھلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى، گەپ - سۆزلىرى، ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ نورماللاشقانلىقىنى كۆرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئۆزگىرىشلەر. «تەلىم - تەربىيە مەركىزى نۇرغۇن ئائىلە، نۇرغۇن ئاممىنى قۇتقۇزۇۋالدى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھەققانىي تەدبىر، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن قوللايمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز» دېدى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز.

  12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مەسچىتتە دىنىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى. «يېقىنقى يىللاردا، ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى، ئاق مەسچىتنىڭ ئىچىدە تاھارەت ئېلىش ئەسلىھەسى، تۇرۇبىلىق ھاجەتخانا سېلىنغان بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ئىنچىكە جايلاردا گەۋدىلەندى.» ئابدۇشۈكۈر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەت قانات يايدۇرۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى.

  «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> جېنىنىڭ بارىچە شىنجاڭغا قارا چاپلىغانلىق. شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى ئابدۇشۈكۈر.

  «ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ماقۇللىشى پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، ھامان ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ماخمۇت ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى بۇرمىلىشى، تۆھمەت قىلىشى، «دىن»، «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن ئىبارەت، خالاس. بۇ خىل شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

  ماخمۇت مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈپ خاتىرجەم ياشىماقتا، مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەممىگە ئايان. «ھەرقانداق تۆھمەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ؛ ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋانىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ» دېدى ماخمۇت.

  (مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، جاۋ شىيا، مېھرىگۈل غوپۇر، شيې خۈيبيەن، جېڭ جو يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ