مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز

2019.12.06 16:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

  ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمىز

  ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز

  شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنى شەكلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە قارىتا كەلسە - كەلمەس قول تىقتى، خالىغانچە تۆھمەت قىلدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقى، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا خالىغانچە قارا چاپلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا يولسىزلىق بىلەن ئارىلاشقانلىق. شىنجاڭنىڭ ئىشىدا، ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بارلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتۇر. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئورگان بولۇش سۈپىتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكىدەك كەسكىن بايانات ئېلان قىلىدۇ:

  بىز ئەزەلدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرى ۋە ئەسەبىزمگە قەتئىي زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا ھۆرمەت قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، بۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ۋە ئەسەبىزمگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرگەن ھالدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق نىزاملارنى ماقۇللاپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تېررورىزمنىڭ مىللىي مەسىلە ئەمەس، تېخىمۇ دىنىي مەسىلە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مۇئەييەن مىللەت، دىن بىلەن باغلىۋېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەت قىلىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى جازالاش بىلەن بىللە، كۆپ ساندىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە قولغا كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغان ياكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئەھۋالى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن كىشىلەرگە؛ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغان ياكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، رېئال خەتىرى بولغان، تېخى رېئال خەۋپ ئاقىۋىتى پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر بولمىغان ياكى جىنايى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغان كىشىلەرگە قارىتا، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئۇلارنى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۆلەت قانۇن بىلىملىرى، تىل ئالاقىسى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن ساقلاش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ھەر تۈرلۈك قانۇن - نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، كۈچلۈك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشتا پائال رول ئوينىدى. ھازىر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان سەمىمىي ئارزۇسى قاندۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن.

  بىز قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى، ۋەكىللەر قانۇنى، سايلام قانۇنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سايلام قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قانۇن بويىچە سايلاپ چىقىلغان بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى 61 مىڭ 589 (بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 42 مىڭ 997، ئومۇمىي ساننىڭ %69.81ىنى ئىگىلەيدۇ) بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزمەكتە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكى، بەش ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئوبلاست باشلىقلىقى، ئالتە ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىملىقىنى بىردەك رايون ئاپتونومىيەسى يولغا قويۇلغان مىللەت پۇقراسى ئۈستىگە ئالدى. ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلار 91 مىڭ 76گە يېتىپ، كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %40.24ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئايال كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %66تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ھۆرمەتكە ئېرىشتى ۋە ۋارىسلىق قىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى باشقۇرۇش نىزامى، مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر كوچا رايونى ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنى تۈزدى، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى قاتارلىق 109 دىنىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىز داستانى «ماناس» قاتارلىقلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. مىللەتلەر تىل - يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى.

  شىنجاڭدا، ھەر مىللەت خەلق نوپۇسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي جەھەتتە بىردەك باراۋەر بولۇپ، قانۇن بويىچە ئوخشاش ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى دەۋا تەلىپىنى ئۈنۈملۈك ئىپادىلىيەلەيدۇ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولالايدۇ.

  بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قانۇن بويىچە قەتئىي قوغداپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامىنى تۈزۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ پەرققە ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى تۈزۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن بويىچە قوغدالدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزامدىن جەمئىي 620نى تۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈنۈملۈك نىزام 161، چىقىرىلغان نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمە 51 بولۇپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان نىزامنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا پۇختا قانۇنچىللىق ئاساسى سېلىنىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى، راۋاجلاندۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. ھازىرقى شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دىنلار ئېجىل، رايىش ئۆتمەكتە، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشتى، بۇ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان مەزگىلگە تەۋە. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

  شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمىز

  ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ، كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەپ، پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان بىر قاتار گەپ - سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە شىنجاڭغا قارا چاپلىدى. شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

  قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشىنى توسۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشىنىڭ تەسىرىدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشقا قايمۇقتۇردى، قۇتراتتى. 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايى قىلمىشى بارلارنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تامامەن توغرا. شىنجاڭنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 4 - ماددىسى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ 17 - ماددىسى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىزم ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەرگە قارىتا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، قانۇن بىلىملىرىنى، كەسپىي ماھارەتنى ئۆگىنىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەلىم - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مەقسەت تېررورىزم، ئەسەبىزمنى مەنبەدىن يوقىتىش. جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى، قانۇن ئاساسى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، ئايلىنىش ئەندىزىسى ۋە ئاساسلىق نەتىجە - ئۈنۈمى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن. تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «مىللىي زۇلۇم» ئەمەس؛ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «قانۇنسىز قاماپ قويۇش» ئەمەس؛ تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەكتىپى، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «جازا لاگېرى» ئەمەس؛ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» ئەمەس. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەمەلدارلار، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرى قاتارلىق 70 نەچچە تۈركۈم (ئۆمەك، گۇرۇپپا)، 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. بىلىملىك زاتلار بەس - بەستە: شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە ياراتتى.

  شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبەرمىدى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى، 2018 - يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) بىر تىرىليون 219 مىليارد 908 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 153 مىليارد 146 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4.5 ئاشتى؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى. بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكتە شىددەتلىك ئېشىش كۆرۈلدى، 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن جەمئىي 200 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.62 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 341 مىليارد 732 مىليون 780 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.39 ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، جەمئىيەت كاپالىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇنى ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. ھەرقانداق تۆھمەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ؛ ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋانىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ. بىز ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئوبيېكتىپ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزمەسلىككە، زومىگەرلىك يولىدا بارغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىككە نەسىھەت قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش

  پاكىتقا كۆز يۇمۇش، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش − ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشى

  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا - قايتا قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا بۇرمىلاش، قارا چاپلاش ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە ھە دەپ بوھتان چاپلاپ، بىزنىڭ مىللەت - دىن سىياسىتىمىزگە تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگو تەرەپكە يولسىزلارچە جازا قوللىنىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، بۇ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشى. بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى ھەم زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرگە ئېغىر خاتا سىگنال بەردى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل بولۇپ، تۈپ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىغا قاتناشقان ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى ساھە ئەزالىرى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ!

  تېررورىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. جۇڭگو شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن 2016 - يىلىغىچە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىنتايىن زور توسقۇنلۇق قىلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى، يامرىشىغا قارىتا، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىزم ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قويۇپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشتىن قول سېلىپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزمغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مۇئەييەن رايون، مىللەت، دىن بىلەن باغلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش، قاتتىق جازالاشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئالدىنى ئېلىش، تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يۇقۇملانغان، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغان تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قانۇن بىلىملىرىنى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ۋە كەسپىي ماھارەتنى ئۆگەتتى. تەربىيەلەنگۈچىلەر ھەرىكەتتە ئەركىن بولدى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە تولۇق قوغدالدى. نۆۋەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى، دىنلار ئىناق - ئېجىل، شەھەر - يېزىلاردا جەمئىيەت تىنچ بولدى، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار، ئامانلىق دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى شىددەتلىك ئېشىپ، بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتتى. جۇڭگو ھازىرغىچە چەت ئەل ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلات ئەمەلدارلىرى، تاراتقۇ كىشىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 70 نەچچە تۈركۈم، 1000دىن ئارتۇق ئادەمنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇلار بەس - بەستە ئىناق - مۇقىم، گۈللەنگەن - تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنى ئالقىشلىدى.

  ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەم جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئايان، نەتىجە - ئۈنۈمى كىشىلەرنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىگە بولغان ئەيىبلىشى ساختىلىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان بولۇپ، تىپىك ھالدىكى «قوش ئۆلچەم»دۇر، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئەقەللىي ھۆرمەت كەمچىل بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ئۇقۇمغا ھاقارەت قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم»نى قوللىنىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق، ئۇنىڭغا يول قويغانلىق، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىققا ۋە ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇ خىل قىلمىش زور خاتالىق بولۇپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزى پايدا ئالالمايدۇ، بۇنىڭغا بارلىق ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ئادەم لەنەت ئوقۇيدۇ. ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. بىز ئامېرىكىنى سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ئوبيېكتىپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا نەسىھەت قىلىمىز. ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ، يامان ئىشنى جىق قىلغانلار ئۆزى ھالاك بولىدۇ. «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ تەجرىبە ساۋىقىغا ئۇزاق بولمىدى، بىز ئامېرىكا تەرەپكە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەسلىكنى، ئوتقۇيرۇقلۇق قىلماسلىقنى، ئاخىرىدا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماسلىقنى نەسىھەت قىلىمىز.

  بىز ئامېرىكا تەرەپنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە كۈچلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جۇڭگو خەلقىگە ئامېرىكىنىڭ رەزىل نىيىتى ۋە زومىگەر ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ، خالاس، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغۇزىدۇ، خالاس. ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۇيىقەستى مۇقەررەركى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ