مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى ئاۋامنى قۇتقۇزىدىغان ئەڭ زور ياخشى تەدبىر

2019.12.06 15:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ چىنىباغ كوچا باشقارمىسى كوناشەھەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت مەمتىمىن

  مەن قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، قاراقاش ناھىيەسىدە چوڭ بولغان، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدۇم. كىچىك چاغلىرىمدا، يۇرتۇمنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاددىي، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر دوستانە - مېھرىبان، قولۇم - قوشنىلار ئىناق ئىدى. ئۇ چاغلاردا، مەن ۋە دوستلىرىم ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش كەنتىمىزدە كىم ئۆيلىنىپ خوتۇن ئالسا، پولۇ، كاۋاپ، سېرىقئاش قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى يېيەلەپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئاجايىپ قىزىتىۋېتەتتۇق. لېكىن، مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقىتتا، بۇنداق مەنزىرىنى ئاستا - ئاستا كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى، تويلاردا لەرزان ئۇسسۇللار ئوينالمايدىغان، يېقىملىق ناخشىلار ئېيتىلمايدىغان بولدى، دەپنە مۇراسىمىدا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە ئازابلىنىپ يىغلاشنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بولدى. بارا - بارا ئەتراپىمىزدىكى چىرايلىق ئاچا - سىڭىللارنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن قارا نىقابلىق كىيىم كىيىپ، قارا رەڭلىك ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئورىۋالىدىغان بولدى، بىز ھېچقايسىمىز ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق. مەن ئاپامدىن: بۇ نېمە ئىش، نېمىشقا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئۆزگىرىپ قالدى، دەپ سورىدىم. ئاپام ماڭا مۇنۇلارنى ئېيتتى: بۇنىڭ ھەممىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن بولدى، «ئۈچ خىل كۈچ» يۇرتداشلارنىڭ ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  مۇشۇنداق مۇھىت ئالدىدا، مەن ئۆز - ئۆزۈمگە چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، داشۆگە ئۆتۈپ، بىلىم ئىگىلەپ، ئاشۇ بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، يۇرتداشلارغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا سېلىنغان ئېغىر روھىي بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلايمەن، دېدىم. كېيىن، مەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردە بەش يىل ھەقسىز تەربىيەلەندىم. مەكتەپتىكى چېغىمدا دۆلەتنىڭ قانۇن، قانۇن - نىزاملىرىنى، ئېقىم مەسىلىلىرىنى، سىياسىينى ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن قانۇن - ئىنتىزامغا بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى، ھەرقانداق دىن ۋە شەخسنىڭ قانۇننىڭ قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىم. مەن دۆلىتىمىزدە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش - قىلماسلىقتا ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بىر دىنغا مەجبۇرىي ئېتىقاد قىلىندۇرۇلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنىنىڭ تىنچلىق، كەڭ قورساقلىق ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئېيتقاندىكىدەك «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندەك بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.

  داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن يۇرتۇم قاراقاش ناھىيەسىگە قايتىپ دىنىي خادىم بولدۇم، دەل شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەنى قانات يايدۇردى. مەن بۇ تەدبىرنى چىن كۆڭلۈمدىن ھىمايە قىلىمەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزدى. بۇ تەدبىر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر توپى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپ، قانۇن، قانۇن - نىزاملارنى بىلىپ، ماھارەت ئىگىلەپ ھەم كارخانا، زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى، زامانغا لايىق تۇرمۇشقا قايتىپ كەلدى. ھازىر جەمئىيەت مۇقىم، تۇرمۇش باياشاتلاشتى، ياشلار يەنە ئۆيىدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلىدى، بىزنىڭ خوتەن، قاراقاشقا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بارا - بارا كۆپەيدى. مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى ئەسلىمەم يەنە قايتىپ كەلدى، ئىلگىرىكى ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر، قىزغىن، مېھماندوست ئۇيغۇر مىللىتى يەنە قايتىپ كەلدى.

  ھالبۇكى، ئامېرىكا، غەربتىكى يامان غەرەزلىك بىر قىسىم كىشىلەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە - ئۈنۈمنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بىزنىڭ مەكتىپىمىزنى «جازا لاگېرى» دەپ قالايمىقان بىلجىرلاپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، يامان غەرەزدە بۇرمىلىدى، قارا چاپلىدى. ئىلگىرى ئۇ يەردە تەربىيەلەنگەن كىشىلەردىن مۇشۇنداق ئەھۋال بارمۇ؟ دەپ سوراپ بېقىڭ. مەن ئاشۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، سىلەر ھەقىقەتەن ئاغزىڭلارغا كەلگەننى جۆيلۈۋاتىسىلەر، دۇنيادا قايسىبىر دۆلەت دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا، قانۇنغا خىلاپ يېنىكرەك جىنايىتى بار كىشىلەرگە مۇشۇنداق كەڭ قورساقلىق قىلغان ۋە ياردەم بەرگەن؟ قايسىبىر دۆلەت يەنە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن؟ يوق، پەقەت بىزنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىلا مۇشۇنداق قىلالىدى.

  ھازىر، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەر ئەمىن ئۆيلەرگە ئۆزگەردى، پاتقاق يوللار ئاسفالت يوللارغا ئۆزگەردى، ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇش توكسىكلىتقا، پىكاپقا ئولتۇرۇشقا ئۆزگەردى، كۆل سۈيىنى سۈزۈلدۈرۈپ ئىچىش تۇرۇبا سۈيىنى ئىچىشكە ئۆزگەردى. ھۆكۈمەت يەنە مەسچىتكە تەرەت ئېلىش ئۆيى، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا سېلىپ بەردى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى، ئاياغ قاپلىما ماشىنىسى قاتارلىق خەلققە قولاي ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بەردى. كەنتتە يەسلى قۇرۇلدى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، ھەربىر ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار بولدى، ھەر يىلى يەنە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنى بارغانسېرى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز بارغانسېرى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇۋاتىمىز. كىمىكى بىزنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا غەرەزلىك ئۇرۇنىدىكەن، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا غەرەزلىك ئۇرۇنىدىكەن، بىز ھەر مىللەت ئامما قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ھەرگىز قوشۇلمايمىز!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ