مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىشقا بولمايدۇ ھەقىقىي ئەھۋال يالغان سۆزنى بىتچىت قىلىدۇ

2019.12.06 15:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى يەكەن بازىرى يىپەك مەھەللىسى ئالتۇن مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇۋەلى ئابلىمىت

  ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى شىنجاڭدا ھە دەپ تارقالدى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ زامانغا لايىق تۇرمۇشىغا ئارىلىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۈدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبەرمىدى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە قەتئىي ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  لېكىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەر رەزىل مەقسەتتە، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا غەرەزلىك ھالدا ئۇرۇندى، بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. تېررورىزم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ. مېنىڭ ئەتراپىمدا بىر قىسىم ئامما ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يۇقۇملىشىغا ئۇچرىغان، ئىلگىرى بەزىلەر ئاتا - ئانىسى ئەتكەن تاماقنى «مۇسۇلمانچە» ئەمەس دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆيىدە تاماق يېمەي، ئاتا - ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنىدى؛ بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوقۇشتىن قېلىشقا مەجبۇرلىنىپ، شادلىققا تولغان بالىلىق دەۋرىدىن مەھرۇم بولغانىدى؛ بەزىلەر «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، ئەقلىدىن ئېزىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانىدى، قاتارلىقلار. بۇ ئەسەبىي ئىدىيە ۋە قىلمىشلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئېغىر مەنىۋى بويۇنتۇرۇق سالدى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى.

  مەن نۇرغۇن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ نەق مەيدانىغا بارغان، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم ئايرىم غەرب تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلغانغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، مەيلى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان تەربىيەلەنگۈچىلەر بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن، تەربىيەگە قاتنىشىشنى ئىنتايىن قوللىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن مىننەتدار بولغان. ئەمما ئايرىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە پاكىت بۇرمىلانغان، خالىغانچە تۆھمەت قىلىنغان، پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، بوھتان چاپلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يامان غەرەز بىلەن تولغان. تەلىم - تەربىيەگە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەر، لېكىن ھۆكۈمەت ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدى، بەلكى قۇتقۇزۇۋالدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى، ئۇلارنى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشكە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە، قانۇن، قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىشكە، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلدى. ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر ھەم دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالدى، قانۇن، قانۇن - نىزاملارنى ئوبدان بىلىۋالدى، بىر - ئىككى ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەتنى ئىگىلىدى ھەم «زەھەرنى ھەيدەپ كېسەل داۋالاش» ئۈنۈمىگە يەتتى، نۇرغۇن كىشى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بىر چوڭ ئانا ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: «ئوغلۇم كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، ئىلگىرى مەن ئەتكەن تاماقنى يېمەيتتى، ئۆيگىمۇ قايتمايتتى، يامان كىشىلەرگە ئەگىشىپ نەمۇنەلەردە قاتراپ يۈرەتتى، يەنە چەت ئەلگە چىقىپ <غازات>قا قاتنىشىمەن دەيتتى، ۋاپادارلىقىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تەربىيەنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھازىر خىزمەت تاپتى، مۇقىم كىرىمى بار بولدى، دائىم ماڭا يەيدىغان نەرسىلەرنى، كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇنى - بۇنى قىلىشىپ بېرىدۇ. مەن بالامنىڭ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەگەر ھۆكۈمەت ۋاقتىدا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىپ قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، تېخىمۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئائىلىمىزگە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. بۇلارنى ئويلىساملا قاتتىق قورقۇپ كېتىمەن، ھۆكۈمەت ئۇنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالدى، مەن ھەم بالام پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ياخشى».

  مەن كۆز بويامچىلىق قىلغان، پاكىتنى بۇرمىلىغان، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە تۆھمەت قىلغان، قارا چاپلىغان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاشۇ يامان غەرەزدىكى كىشىلەرگە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئېچىلغاندىن باشلاپ، بىزنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىمىزدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، توغرا كەيپىياتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، ناچار كەيپىياتنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرغانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تېخىمۇ چىڭىغانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا قارىتا ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتماقچىمەن. ئۇيغۇرلاردا: «نىيىتىڭ دۇرۇس بولمىسا، كۈنۈڭ خاتىرجەم بولماس» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. سىلەردىن: سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ - يوق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما تېررورىزم كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەنمۇ - يوق، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈڭلارمۇ - يوق، دەپ سوراپ باققۇم بار. سىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىڭلارنى، كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى، ئاساسى بار پاكىتلار ئارقىلىق بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان گەپ - سۆزلەرنى ئېلان قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرنىڭ ئاساسسىز تۆھمەت قىلىش ۋە خالىغانچە قارا چاپلاشنى توختىتىشىڭلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ