مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

2019.12.05 15:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 3 - قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپلەرنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە ۋە خەلققە سادىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئوقۇتۇشتا باشقىلارغا ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىلىك ۋە يول باشلىغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك. ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاممىۋى مەنپەئەت، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يەسلى مائارىپى يىرىك پىلانى، سېلىنما، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى يەسلى مائارىپى بايلىقىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يەسلى مائارىپى تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملاشقان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ