مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.12.05 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 40 يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشى، يۈرۈشۈشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەت، دىن قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش؛ نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقى، سىستېمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزگەن نىزاملاردا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنى خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ قانۇن - نىزاملارنى يولغا قويۇش ۋە تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن - تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى بىلەن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش جەريانىنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش؛ نىزام چىقىرىشنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتە دىققەت قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇۋاتقان، مۇئەييەن تالاش - تارتىش ساقلىنىۋاتقان نىزام چىقىرىش تۈرلىرىدە نىزام چىقىرىشتىن بۇرۇنقى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، نىزام يولغا قويۇلغان بىر مەزگىلدىن كېيىنكى ئەمەلىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىگە قارىتا نىزام چىقىرىشتىن كېيىنكى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭى دەۋردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نىزام چىقىرىش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنىڭ كەسپىي ئەخلاق سەۋىيەسى ۋە كەسپىي خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېتىقاد جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ