مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي»نى بىرلىكتە ياڭرىتىش

2019.12.05 15:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق، ساياھەت مۇلازىمەت مۇھىتى ۋە ساياھەت بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» «ئۈچ ناچار بولۇش، بىر قالايمىقان بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى بىر قىسىم بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساس سېلىپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

  بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى، ساياھەت كىرىمىدە تارىختىكى يېڭى قوش يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئوخشاشلا مۇددەتتىن بۇرۇن بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مىقداردىن ئېشىپ كەتتى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى بارغانسېرى ياڭرىدى.

  ■ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش

  تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش

  ئىلىدا ئەگرى - بۈگرى دەريا - كۆللەر، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مۇزلۇق - قارلىق دالا، گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى، قويۇق، رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەر بار... قانداق قىلغاندا ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى يىرىك پىلان تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن جاۋشىڭ مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدە، ئىلى ئوبلاستى ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» «ئۈچ ناچار بولۇش، بىر قالايمىقان بولۇش» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىجارەت تەرتىپى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ساياھەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت مېھمانخانىسى، ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ باھاسى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ساغلام، تەرتىپلىك، مەدەنىي، ئىناق ساياھەت بازىرى مۇھىتى ياراتتى.

  يېقىندا، ئىلىغا 2 - قېتىم ساياھەتكە كەلگەن چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى ۋۇ سىمياۋ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەت رايونى ھاجەتخانىلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، يول بويىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقىدى. «مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تور سىگنالىمۇ كۈچىيىپتۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا سۈرەتكە تارتىۋالغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغىلى بولىدىكەن» دېدى ۋۇ سىمياۋ.

  112 ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى، 54 ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇپ تاماملىدى، تاماملىنىش نىسبىتى %100 بولدى... باش تېما تەربىيەسىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ۋەزىپە جەڭ خەرىتىسى ۋە تۈرلەرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تۈزۈپ، «كۆركەم بولۇش، قوللىنىشچان بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياساش پىلانلانغان تۆت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تۈرىدىن ئۈچنى پۈتكۈزدى، خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى تۈرىدىن بەشنى پۈتكۈزدى، يېڭىدىن تۆت جايغا ماي قاچىلاش پونكىتى ياساشنى پىلانلىدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىكىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللاردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، يول قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

  ■ ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىش

  دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، «ئۆگىنىش» بىلەن «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى پائال يارىتىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى رازى قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ چىقىلغان ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەرلىك بولماسلىق، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق تەڭشەش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ۋەزىپىنى بېكىتىپ، تۆت پەسىل ساياھىتىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم مۇشۇ ئاساستا قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۆز جايىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز ساياھىتى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى مەزمۇنى مول، مەدەنىيەت كەيپىياتى قويۇق قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئىبارەت بۇ سۈپەتلىك ماركىنىڭ <قىممىتى> ناھايىتى يۇقىرى، بىز سىستېما بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا <ساياھەت>نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالتاينى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچۇەن.

  ئاپتونوم رايون ئايدىڭلاشتۇرغان پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ياخشى سودا ئىشلىرى ساياھەت رايونى قۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە، قاراماي شەھىرى باش تېما تەربىيەسىدە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەككە بولۇش، شىنجاڭ خاسلىقى روشەن بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «قاقاس دالا ساياھىتى . مودا مەركىزى» شەھەر سۈپەتلىك ماركىسىنى تونۇتۇپ، ساياھەت تاۋارلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇپ، تاۋارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتتى.

  نۆۋەتتە، قاراماي شەھىرىنىڭ ئالتۇن رەڭ قاشتاش، فۇشىزىشا، تۆمۈر چەينەك قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك مول شەھەر خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە چوڭ تۈر بويىچە 100 خىلدىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك ساياھەت تاۋارلىرى بار. مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىلىرىغا ياردەملىشىپ كۆپ خىل شەكىلدىكى ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىش تورى ۋە سۇپىسى بەرپا قىلغاندىن سىرت، قاراماي شەھىرى يەنە كارخانىلارغا ياردەملىشىپ «شىنجاڭ سوۋغىتى»غا ئىلتىماس قىلىش، شىنجاڭ ساياھەت تاۋارلىرى سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قاراماينىڭ خاس تاۋارلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈردى.

  ■ تەرەققىيات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش

  باش تېما تەربىيەسىدە، قەشقەر ۋىلايىتى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دەل نىشانغا كۈچەپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن رايون ساياھەت كەسپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

  ساياھەتچىلەرنى ھەمتۈرتكە پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى قاتناشتۇرۇپ، يەرلىك مەدەنىيەتنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى كېچىلىك يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. «يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، قەدىمىي شەھەرنى كېچىدە ئايلىنىش قىزىق تۈر بولۇپ قالدى، بىزمۇ چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق، ھەر كۈنى كەچتە چۈشەندۈرگۈچىلەر ئىش ئورنىدا بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ئابدۇقادىر.

  ئىگىلىنىشىچە، ساياھەت بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى كەسىپتە يېڭىلىق ياراتقان دۇكان 4700 نەچچىگە كۆپىيىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ چىقىلغان ساياھەت - مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت، ساياھەت تارماقلىرى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتور قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەسىپ پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن شىنفا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۇرپان شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك <14 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشنى باشلاش، «تۇرپان شەھىرىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تۈزۈش، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ئەلئارا باش تېما مۇزېيى قاتارلىق مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى ۋاسىتىلەرنى بەرپا قىلىپ، «مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە» قاتارلىق مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە يۇغۇرما تۈرتكە بولدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يۈنمېي، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېنخۇا، دۇڭ شىجۈ، لى يافېڭ، سەي شياۋچىڭ، خۇاڭ رۈي يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ