مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

غەربنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان بىمەنە سەپسەتىلىرى توختىشى كېرەك

2019.12.05 15:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، پومپېئو ئېقىمى ۋەكىللىكىدىكى غەربتىكى ئايرىم سىياسەتۋازلار ۋە «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋەكىللىكىدىكى ۋىجدانسىز تاراتقۇلار ئاتالمىش «تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەسىلىسى»نى ھە دەپ كۆپتۈرۈپ، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يولسىزلارچە ھۇجۇم قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بۇرمىلىدى، ئىنكار قىلدى. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى قاتناشقۇچى، باشتىن كەچۈرگۈچى، گۇۋاھچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇلاردىن چەكسىز نەپرەتلىنىمەن! «باشقىلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرمىساق بولماس»، گەرچە ئۇلارنىڭ رەزىل سەپسەتىلىرى رەددىيە بېرىشكە ئەرزىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۈنبويى پۈتۈن يەر شارىدا ئىش تېرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇمىغانلىقىنى ئويلىشىپ، مەن ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ، ئۇلار «كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان» بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى خالايمەن.

  بىرىنچى، شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە «جازا لاگېرى» دەپ قارا چاپلاش پۈتۈنلەي ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك

  غەربتىكى ئايرىم سىياسەتۋازلار شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە «جازا لاگېرى» دەپ تۆھمەت قىلدى. مەن ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيادا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ يۈرگەندىن باشقا، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئاساسىي تارىخ بىلىملىرىنى تولۇقلىشى ياكى ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن «شىندلېرنىڭ تىزىملىكى»نى كۆرۈپ، ئاۋۋال نېمىنىڭ جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

  شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش» (قانۇن ئۆگىنىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، ماھارەت ئۆگىنىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش)نى مەقسەت قىلغان مەكتەپ. ھۆكۈمىتىمىز مالىيەدىن پۇل چىقىرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئاشۇ ئاممىنى كەسپىي دەرسلىك بويىچە تەربىيەلەپ ۋە ھەقسىز تاماق، ياتاق شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆرپ - ئادىتى ۋە شۇ مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئەڭ زور چەكتە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈردى ۋە قاندۇردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى ھەم كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى، خېلى ياخشى كىرىمى بار بولدى، كۆپلىگەن ئائىلىلەر بىردىن ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. غەربتىكى ئايرىم سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلار بىزنى تەلىم - تەربىيە ئېلىۋاتقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئەجەبا سىلەر تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە كۈشكۈرتۈشىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلسە ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى تۇيۇق يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىي بەدەل تۆلەش مۇمكىنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرگەنلىك بولامدۇ؟ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئازايدى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ قېلىندى.

  شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدىكى ھەبىبە ئابدۇخېلىل خېنەن مالىيە - ئىقتىساد، سىياسىي قانۇن داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، توردا «دوستلىشىش» ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئەسەبىي ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن ھەم بارغانسېرى ئۇنىڭغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى بىلەن، ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگىرىپ، خاتالىقىنى ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزدى ھەم كەنت دەرىجىلىك بىر ياردەمچىگە ئايلاندى. ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسىدىكى مەمەت سەمەت ئىلگىرى پايپاق زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يۇقۇملىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، «كاپىر»لار بىلەن سودا قىلمىغان ھەم ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان، زاۋۇتنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ داۋاملىشالماي قالغان. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ياردەم بېرىشى، تەربىيەلىشى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، پايپاق زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم زاۋۇت بىناسىنى كېڭەيتىپ قۇردى، ھازىر ئايلىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى، يەنە كەنتتىكى 50 تىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئادەم ئۆمرىدە پۇل تاپسىلا، باي بولسىلا بولمايدىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى بىلىملىك بولۇشى، قانۇننى بىلىشى، قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، كۆز ئالدىدىكى بەختلىك تۇرمۇشىنى قەدىرلىشى كېرەك ئىكەن».

  بۇنداق مىساللار يەنە نۇرغۇن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى مىساللارنى غەرب تاراتقۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى تاراتقۇلار كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلدى. ئەمما پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىماسقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىنىڭ قاراڭغۇ دۇنياسىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھە دەپ «Fake News» (يالغان خەۋەر) پەيدا قىلىشىدىكى غەرىزى نېمە؟ ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى گوئېببېلس: «يالغان گەپ مىڭ قېتىم تەكرارلانسا ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن، مېنىڭچە پومپېئو ئەپەندى ئۇنىڭ سادىق شاگىرتى ئىكەن!

  ئىككىنچى، شىنجاڭغا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى، دەپ تۆھمەت قىلىشقا پۈتۈنلەي يامان غەرەز يوشۇرۇنغان

  دىنىي مەسىلىلەردە «رەڭلىك كۆزەينەك» تاقاش، «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ ئادەتلەنگەن ھىيلە - نەيرىڭى. ئۇلار بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، «مۇسۇلمانلارنى چەكلەش بۇيرۇقى»نى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «فالۇن گۇمپىسى» قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتلارغا كەڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى «كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى» دەپ قاراپ، «ئەزىز مېھمان» قاتارىدا كۆردى. پومپېئو ئېقىمىدىكىلەر شىنجاڭغا «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يوقاتتى» دەپ تۆھمەت قىلدى. سوراپ باقسام، شىنجاڭدىكى مەسچىتلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 2000 نەچچىدىن ھازىرقى 24 مىڭغا كۆپىيىپ، ھەر 530 مۇسۇلمان ئاممىغا بىردىن مەسچىت توغرا كەلدى، دىنىي خادىم 3000 نەچچە ئادەمدىن 29 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە كۆپەيدى، بۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى دىننىڭ يوقىتىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟

  بۇ يەردە، مەن يەنە پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرگە بەزى تارىخ بىلىملىرىنى ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى يەنە تولۇقلاپ ئۆتمەكچى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى. تارىختا، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان، ھازىر شىنجاڭ يەنىلا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. بىز ھەرقايسى دىنلارنىڭ بابباراۋەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەلۇم بىر دىنغا يان باسمايمىز، ھەم مەلۇم بىر دىننى كەمسىتمەيمىز، ھەر قايسى دىنلارنىڭ شىنجاڭدا قانۇنلۇق تارقىلىشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتى، غۇلجا بەيتۇللا مەسچىتى، خوتەن جامە مەسچىتى قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قايتا رېمونت قىلدى. بىز يەنە دىنىي زاتلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەر يىلى دىنىي زاتلار ئۈچۈن بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا ئەڭ ئاز بولغاندا 1000 يۈەن تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىمىز. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا 112 دىنىي تەشكىلات بار، 1400دىن ئارتۇق دىنىي زات ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، سىياسىي كېڭەشلەردە ۋەكىل، ئەزا بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» (سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، رادىيو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - كىتاب ئۆيىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش، جۈمە مەسچىتىدە تاھارەت ئېلىش ئەسلىھەسى بولۇش، سۇلۇق ھاجەتخانا بولۇش)، «توققۇزنى سەپلەش» (تېببىي دورا مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، كومپيۇتېر، شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، تەبىئىي گاز، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى، ئاياغ قاپلىمىسى ياكى ئاياغ قاپلاش ماشىنىسى، نەرسە ساقلاش ئىشكاپىنى سەپلەش)نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈردۇق.

  شىنجاڭغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتىدۇ، دەپ تۆھمەت قىلغان ئاشۇ غەرب سىياسەتۋازلىرىغا زادى قانداق جىن چاپلاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ دەلىلى ۋە «ئاساس»ىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ھەقىقەتەن بىلەلمىدىم؟!

  ئۈچىنچى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق بوغۇۋاتىدۇ، دەپ بىلجىرلاش تامامەن رەزىل غەرەز جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئون ئىككى مۇقامى» دەل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نامرات، قالاق ئىقتىسادىي شارائىتتا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئادەم ۋە پۇل چىقىرىشى بىلەن قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغدالغان، تېكىستىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ناخشا - ئۇسسۇللىرى، خەلق داستانلىرى، خەلق ئەدەبىياتى ھەمدە ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى توپلىدى، خاتىرىلىدى، شىنجاڭدىكى يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان «قۇتادغۇبىلىك» «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىقلار دەل مۇشۇ مەزگىلدە توپلانغان، رەتلەنگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىن 83 ى، دۆلەت دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسىدىن 64ى بار، يەتتە تۈردىكى 91 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش - ۋارىسلىق قىلىش بازىسىغا نام بېرىلگەن، 236 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش - ۋارىسلىق قىلىش ئورنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرى %95تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان ئون خىل تىل - يېزىق ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، جەمئىيەت ئاممىۋى ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرەپ»ى، قازاقلارنىڭ «ئايتىس»ى، قىرغىزلارنىڭ «قومۇز ئېيتىشىش»ى، موڭغۇللارنىڭ «نادام يىغىلىشى»، خۇيزۇلارنىڭ «خۇائېر يىغىلىشى» قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئەگەر پومپېئو ئېقىمىدىكىلەر زامانىۋى مودا مەدەنىيەتكە قىزىقسا، ئۇنداقتا نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە نەزەر سېلىپ باقسۇن، «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى»نىڭ چېمپىيونى گۈلمىرە، «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»دا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن پەرھات، شىنجاڭلىق شىبە مىللىتىدىن بولغان داڭلىق ئارتىس تۇڭ لىيا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا گۈزەل ئۇسسۇلى، ئۆزگىچە ئاۋازى، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى جەمئىيەت بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سالاپىتىنى جەۋلان قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىسىنى قوغداش ۋە ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ۋە قازاق تېبابەت دوختۇرخانىسى پۈتۈن شىنجاڭغا كەڭ تارقىلىپ، «مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو ئەمىنى جەۋھىرى» «زۇكام جەۋھىرى» قاتارلىق مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  تۆتىنچى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى شارائىتىنىڭ غايەت زور ياخشىلانغانلىقىنى نەزەرگە ئالماسلىق پۈتۈنلەي ھاكاۋۇرلۇق، بىر تەرەپلىمە قاراش

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 200 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 40 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى شارائىتىدىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. كىرىم جەھەتتە، 1978 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا 101.7 ھەسسە ۋە 99.6 ھەسسە ئاشتى. مائارىپ جەھەتتە، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %20كىمۇ يەتمەيتتى، ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %90كە يەتكەنىدى. تەرەققىيات ئارقىلىق، باشلانغۇچ مەكتەپ 1949 - يىلىدىكى 1335تىن 2018 - يىلىدىكى 3368 گە كۆپەيدى، ئوتتۇرا مەكتەپ توققۇزدىن 1278گە كۆپەيدى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇق قاپلاش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى، 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپ تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2018 - يىلى، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل يەسلىسىدە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %95.95كە يەتتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91كە يەتتى. ساغلاملىق جەھەتتە، ئوتتۇرىچە ئۆمۈر ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 30 ياشتىن ھازىرقى كۆزلىمىدىكى 72.35 ياشقا ئۇزاردى. 2011 - يىلى، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، قاپلىشى تولۇق بولغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئورناتتى. 2016 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسىدىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلىش يولغا قويۇلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 70 نەچچە ياشلىق بىر ئۇيغۇر بوۋاي ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا: «شۇنچە كۆپ يىل ياشاپ، مەن ئۆزۈمنىڭ بوي ئېگىزلىكىمنىڭ قانچىلىكلىكى، ئېغىرلىقىمنىڭ قانچىلىكلىكى، قانداق كېسىلىم بارلىقىنى بىلمەيتتىم، ھەتتا پەرزەنتلىرىممۇ قىلالمىغان ئىشنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنىڭ ئورنۇمدا ئويلىدى، قىلدى!» دېدى.

  بولۇپمۇ، مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %19.496تىن %6.1كە تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1 مىليون 889 مىڭ 500 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %29.1تىن %10.9كە تۆۋەنلىدى، بۇ، تارىختا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان غايەت زور ئۆزگىرىش. بۇ گۇرۇپپا - گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىدىكىسى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئۇزاقتىن بۇيان بوشاشماي قوللىغانلىقىدۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن مالىيە ياردەم پۇلى جەمئىي 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يەتتى، 2012 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچىلا 1 تىرىليون 610 مىليارد يۈەنگە يەتتى. 2018 - يىلى، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن مالىيە ياردەم پۇلى 302 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ شۇ يىللىق مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %60.3ىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2010 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، جەمئىي 103 مىليارد 500 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى سالدى، بۇنىڭ %80تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل ھېچقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈز بەرمىدى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىر رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى «بارومېتىر» بولغان ساياھەتچىلىكتىمۇ «شىددەت بىلەن» تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ساياھەتتە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم سانى ۋە ئىستېمالىدا ئۇدا ئۈچ يىل %30 − %40لىك ئېشىش سۈرئىتى ساقلاندى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا چېگرا ئىچى - سىرتىدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەر 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى پەقەت ئاياغنى كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ.» شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە پومپېئو ئېقىمىدىكىلەر ۋە بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشى، بىلجىرلىشى لازىم ئەمەس، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. بىز ئىپتىخارلانغان ھالدا پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق جاكارلىيالايمىزكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى بۇنداق تولۇپ تاشمىغان، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى بۇنداق تولۇپ تاشمىغان، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى بۇنداق تولۇپ تاشمىغان! مەن بۇ يەردە غەربتىكى ئايرىم سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلارغا رەسمىي يوسۇندا ئېيتىمەنكى: سىلەرنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان بىمەنە سەپسەتىلىرىڭلار توختىشى كېرەك!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ