مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

2019.12.05 15:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن

  تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورىزم، ئەسەبىزمدىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىش، ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە قىممىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنى تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىدا بەختلىك ياشايدىغان قىلىش دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلو (ۋەقە)لىرى يۈزبېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىشى ۋە ئېغىر، زور مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قارا كۆلەڭگە تاشلىدى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا ئوخشاش، بىر مەزگىل شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 40 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر «پانتۈركىزم» «پانئىسلامىزم» ئىدىيە ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا «ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن» «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» قۇرۇشقا ئۇرۇندى. خىلمۇخىل «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى جۇڭگونى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدىكى سىڭدۈرمىچىلىكى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى پات - پات يۈزبېرىپ تۇردى. زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ جىنايى قىلمىشى شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق بولۇشىغا، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ، كۆپلىگەن بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى، زىيانغا ئۇچرىغان مال - مۈلۈكنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئاممىنى روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇشقا، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چەتكە قېقىشقا سىجىل قۇتراتتى؛ ئاتالمىش «دىنىي قائىدە، ئائىلىۋى قائىدە»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، بۇرمىلاپ، ئۇنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى بىلەن قارشىلاشتى؛ ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەش، ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى رەت قىلىشقا قايمۇقتۇردى.

  مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك ساداسى ئالدىدا، شىنجاڭ خەلققە مەسئۇل بولۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقىتىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئەڭ زور چەكتە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، مەدەنىيلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس قىلىپ، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دىن ئىبارەت ئىككى يەرلىك نىزامنى تۈزۈپ ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورىزمنىڭ مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلە تېخىمۇ ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مۇئەييەن مىللەت، دىن بىلەن باغلىۋېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەت قىلىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى جازالاش بىلەن بىللە، كۆپ ساندىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، قولغا كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغان ياكى تېررورلۇق پائالىيىتىگە، ئەسەبىزم پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئەھۋالى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن كىشىلەرگە؛ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغان ياكى تېررورلۇق پائالىيىتىگە، ئەسەبىزم پائالىيىتىگە قاتناشقان، رېئال خەۋپ - خەتىرى بولغان، تېخى رېئال خەۋپ - خەتەر ئاقىۋىتى پەيدا قىلمىغان، سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭقۇر بولمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر بولمىغان ياكى جىنايى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئۆز رازىلىقى بىلەن تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرگە؛ تېررورلۇق پائالىيىتى جىنايىتى، ئەسەبىزم جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى باھالاش ئارقىلىق يەنىلا جەمئىيەتكە خەۋپ - خەتىرى بار دەپ قارالغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى قانۇن بويىچە قارار قىلغان كىشىلەرگە قارىتا، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئۇلارنى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، تىل ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن ساقلاش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ئۇسۇل جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپىغا، ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن.

  قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىدە بولۇپ، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئادىمىيلىك جەھەتتىن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك قەدىر - قىممىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، قاتتىق جازالىماي، قۇتقۇزۇش، كەمسىتمەي، غەمخورلۇق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ياردەم قىلدى، تەربىيە ئېلىپ باردى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان، باشقا مىللەت ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ماسلاشقان تىل قورالىغا ئىگە قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى قىل سىغمايدىغان ئىش. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇشىغا قارىتا، قانۇن بىلىملىرى دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى پۇقرالارنىڭ ھوقۇق، مەجبۇرىيىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىلىنىش، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى باراۋەر ئادا قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان قىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن بىر - ئىككى كەسپىي ماھارەتنى بىرقەدەر پىششىق ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ۋە كونتروللۇقىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپ - خەتىرىنى تىرىشىپ ئېنىق تونۇتۇپ، تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدۇردى. بۇ ئۇسۇللار ھەم خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى ھەم ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى، يېتەكچى، دوختۇر ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمىتى باشقۇرۇش خادىمى قاتارلىقلارنى سەپلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نورمال ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مەنىۋى، مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيى، پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئۆيى، زال ئىچى - سىرتى تەنتەربىيە، مەدەنىيەت پائالىيەت سورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، دائىم مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، بارلىق تەربىيەلەنگۈچىلەر بىردەك كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلاردىن بەھرىمەن بولدى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە ھەقسىز قاتناشتى.

  تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش تەلىپىگە يېتىپ تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش قورالىنى ئىگىلەپ، بەلگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىنى ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، قايتىدىن خاتىرجەم، مۇقىم تۇرمۇش كەچۈردى. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كارخانىلارغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئۇدا 36 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ - ئىناق بولدى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41 - نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى پائال مۇئەييەنلەشتۈردى. 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدا، 54 دۆلەت ئورتاق سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، دەپ كۆرسەتتى. مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، باشقا دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئەيىبلىگەنلىكى ۋە ئاشكارا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىگە قارشى تۇردى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلەشنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن 1000دىن ئارتۇق ئادەم تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ نەق مەيداننى زىيارەت قىلدى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلار بەس - بەستە ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى. بىلىملىك زاتلار بەس - بەستە: شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ بىلدۈرۈشتى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان غەرىزىنى چىقىش قىلىپ، «قوش ئۆلچەم» «تاللاشچان كور بولۇۋېلىش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، قىلچە ئاساسى يوق، ھەقىقىي ئەھۋالدىن چەتنىگەن خاتا سۆزلەرنى قىلىپ، شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ نامىنى بۇلغاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيەت ۋە ئىنسانىي ئەخلاق - پەزىلەتكە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، بارلىق ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىي كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا ئەپت - بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق تونۇتتى. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنىڭ دېگىنى ھېساب. بىز بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تاقىۋالغان رەڭلىك كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىشىنى، ساختا چىرايىنى يىغىشتۇرۇۋېلىشىنى، ئەمدى «شەرقىي تۈركىستان» زوراۋان، تېررورچى، بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ئارقا تىرىكى ۋە قوللىغۇچىسى بولۇۋەرمەسلىكىنى، پىتنە - ئىغۋالاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، بۇ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان مەزگىل. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ