شىنجاڭدا «گۈزەل ھويلا» يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا

2019.12.05 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ھويلىسىدا تازىلىق قىلماقتا (8- ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا 2018- يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 نامرات ناھىيە (شەھەر) گە يۈزلىنىپ، «گۈزەل ھويلا-ئارام» قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، 396 مىڭ 100 نامرات ئائىلىنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلدى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا- كەنتلەردە زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ ۋە يېتەكلەپ، تۇرالغۇ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت «ئۈچ رايوننى ئايرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ۋە «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»دىن كېيىن گۈللەر كەنتلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، ھويلا-ئارام كوچىلىرى گۈزەللەشتۈرۈلدى. 2019-يىلى «گۈزەل ھويلا-ئارام» قۇرۇلۇشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەرگىچە كېڭەيتىلدى، كەلگۈسىدە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، تەربىيەلەش-يۆلەشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا تۇرالغۇ مۇھىتى داۋاملىق ئۆزگەرتىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ