مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىپارخان باغچىسىدىكى «جۇڭگولۇق گۈلى»

2019.12.04 15:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گۈلنار ئوبۇل

  كەچ كۈزدىكى قەشقەردە ھەممە يەرنى مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغانىدى، مەن نۇرغۇن ساياھەتچى بىلەن بىللە ساياھەت يېتەكچىسى قىزغا ئەگىشىپ ئىپارخان باغچىسىنى ساياھەت قىلدىم. ئىپارخان جەمەتى قەبرىستانلىقىدا، ساياھەت يېتەكچىسى قىز تولۇپ تاشقان ھۆرمەت بىلەن ساياھەتچىلەرگە گۈزەل ئايال سۇ دەيشياڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

  سۇ دەيشياڭ بېيجىڭلىق، چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئىپارخاننىڭ ئاكىسى تۇردىغا ياتلىق بولغان. تۇردى ئوردىنىڭ چوڭ - كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنچىتىشىغا ياردەم بېرىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، چيەنلۇڭنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشىپ بېيجىڭغا بارغان. كېيىن سىڭلىسى ئىپارخان ئوردىغا كىرىشكە تاللانغانلىقى ھەم پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، جەمەتى ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن. كۆپ يىللاردىن كېيىن، تۇردى بەختكە قارشى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. خاننىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن سۇ دەيشياڭ ئېرىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ، ئۇزاق يوللارنى بېسىپ، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، دەريا - ئېقىنلارنى كېزىپ، توپتوغرا يېرىم يىلدىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، ئاخىر قەشقەرگە يېتىپ بارغان. سۇ دەيشياڭ شۇ كەلگىنىچە بۇ يەردىن ئايرىلمىدى، ئېرىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنى قوغدىغان. شۇ جايدىكى ئامما ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، گۈزەل، ئاق كۆڭۈل سۇ دەيشياڭ خانىم پۇقرالارنى ئاسراپ، ئاياللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان، ئۇ بوز يەر ئېچىشقا، ئۆستەڭ چېپىشقا، تۈگمەن ياساشقا، مېۋىلىك باغ يېتىشتۈرۈشكە كۆپ قېتىم مەبلەغ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شۇ جايدىكى خەلققە بېغىشلىغان. ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە ياردىمى شۇ جايدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى تەسىرلەندۈرگەن، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلەپ، ئۇنىڭغا «دىلدارگۈل» دەپ يەرلىكچە ئىسىم قويۇپ قويغان. «دىلدار»نى دۆلەت ئورتاق تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا «قەلبداش، يۆنىلىشداش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشتەك مەنىۋى قانداشلىقىنى ئىپادىلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشىنى مۇجەسسەملىگەن. بۇ ھېكايە شۇنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدىكى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

  بۇ ھېكايە نەق مەيداندىكى ھەربىر ساياھەتچىنى تەسىرلەندۈردى. ئىچكىرى رايوندىن كەلگەن بىر ساياھەتچى ھاياجانلانغان ھالدا: گۈزەل شىنجاڭ قىزى، ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلىدىڭىز، سىز پۇتۇڭخۇانى بۇنداق ئۆلچەملىك سۆزلەشنى قەيەردىن ئۆگەندىڭىز؟ دەپ سورىدى. ساياھەت يېتەكچىسى قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئېنىق قىلىپ: «مەن جۇڭگولۇق قىز، مەن پۇتۇڭخۇانى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەندىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئەسلىدە، ساياھەت يېتەكچىسى قىز قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەكتىپىدە تەربىيەنى تاماملاپ قايتىپ كېلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت يېتەكچىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈش جەريانىدا، ئۇ يەنە بۇلبۇلدەك ياڭراق ناخشا ئاۋازى، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك ئۇسسۇلىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيى ئىپارخان باغچىسى ئەتراپىدا بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دېھقانچىلىق قىلغان ئىكەن، ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە بارغانسېرى چوڭقۇر ئۇچراپ، زامانىۋى جەمئىيەتتىن يىراقلىشىشقا باشلاپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىپ، ئاتالمىش «كاپىر»لارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان بولغان. قىز ماڭا ئۇ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، روھىي قىياپىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپتۇ، بەزىلىرى زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دېھقاندىن زامانىۋى سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىپ، ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىگە يېپيېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەپتۇ. قىز پەخىرلەنگەن ھالدا ماڭا: ھازىر ئۆيدىكىلەر مېنىڭ خىزمىتىمنى ناھايىتى قوللايدۇ، تىرىشىپ ئەستايىدىل ئىشلىسەملا، كىرىمىم ناھايىتى تېزلا ئاشىدۇ، دېدى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى. ئەگەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن قانۇن - نىزام، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، كەسپىي ماھارەت قاتارلىق ھەقسىز تەربىيەلەشلەر بولمىسا، ئۇ ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغانلىقى، ئالدانغانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن، ئائىلىسىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان، تۇرمۇشنىڭ ئۈمىدىنى كۆرەلمىگەن بولاتتى، يەنە قانداقمۇ ھازىرقىدەك ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر بولسۇن؟ قىز مۇنداق دېدى: «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىزگە ئانىمىزغا ئوخشاش غەمخورلۇق قىلىپ، بىزنى تەربىيەلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ بىزگە بولغان تەسىرىنى تۈگەتتى، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ جۇڭگو تارىخىغا بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىق بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق، ھەربىرىمىز مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمىزنى، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۇق.» بۇ گۈزەل قىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە تەلپۈنىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن چوڭقۇر يۇقۇملانغان، ئۆيدىن چىقمايدىغان دېھقان قىز ئىكەنلىكىگە كىممۇ ئىشەنسۇن؟

  ساياھەت يېتەكچىسى قىزنىڭ ھېكايىسى مېنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى: ئاياللار گۈزەللەشسە، شىنجاڭمۇ گۈزەل بولىدۇ. ئاياللار شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى زىممىسىگە ئالغان، ئاياللارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى جەزمەن جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئىلگىرىلەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى ئېلىپ كەلگەن. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى مۇقىملىقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكنىڭ شىددەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا «پايدا» ئېلىپ كەلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى قىياپەت، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئىپارخان باغچىسىدىكى ساياھەت يېتەكچىسى قىزنى ئۆزگەرتتى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىمۇ ئۆزگەرتتى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن يىراقلىشىپ، تار، بېكىنمە مۇتەئەسسىپ كۆز قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، دۆلەت ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭدا، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئاشۇ ئاممىنىڭ ئەسەبىزم ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قانۇن بويىچە قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىر، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان ۋە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ساخاۋەتلىك ئىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى كۆۋرۈك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ