مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەشقەردىن خوتەنگە ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى بىر قېتىملىق قىزغىن پاراڭ

2019.12.04 15:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى مۇرات قېنىيات

  2019 - يىلى 11 - ئاي، قەشقەردىن خوتەنگە ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، مەن جۇڭگو تەيۋەن رايونىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ خانىم ئەر - خوتۇن بىلەن يانداش ئولتۇرغانىدىم، بىز قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق.

  جاڭ خانىم مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ھەۋەسكارى بولۇپ، 2018 - يىلى ساياھەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇرغان، بۇ يىل يەنە ئېرى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەتكە كەپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ قانچە قېتىم كەلسىمۇ، يەنە كەلگۈسى كېلىپلا تۇرىدىغان سىرلىق جاي ئىكەن. جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: مەن ئۈرۈمچىدە مېتروغا ئولتۇردۇم، يەنە ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاتىرجەملىككە ۋە ئىناقلىققا تولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  جاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلمىسىنى تارقىتىۋاتقان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ساياھەت قىلغاندا، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتىنى كۆرگەن، مەسىلەن: ئەنئەنىۋى چالغۇ، ساپال، ياغاچ جابدۇق قاتارلىقلارنى ياساش بۇ يەردە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپتۇ ھەم يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇپتۇ. جاڭ خانىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن بىر قىسىم ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇمى سېتىۋېلىپ، ئۈندىداردا پۇل تۆلەش ئارقىلىق، تەيجۇڭدىكى ئۆيىگە تېز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى قەشقەرنى ھەقىقەتەنمۇ قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، تارىخ بىلەن رېئاللىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇر چاچقان دېيىشكە بولىدىكەن، بۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تېرەنلىكى ۋە گۈللىنىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ «قەشقەر.تەسىرات» كوچىسى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. بۇ يەردىكى سودىگەرلەر ئىچىدە ھەم كوناشەھەر ئاھالىلىرى، ھەم ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بار ئىكەن، ھەر مىللەت خەلق قەدىمىي شەھەردە بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپتۇ. كوچىنىڭ بىر تەرىپىدە تۈرلۈك قاۋاقخانا، قەھۋەخانا، خاس پۇقراۋى قونالغۇ ھەمدە بىر قىسىم چەت ئەللىكلەر ئاچقان تۈرلۈك دۇكانلار بار ئىكەن، يەنە بىر تەرىپىدە قەدىمىي شەھەر سېپىلى بولۇپ، تام تەرەپتە ياغاچتىن ياسالغان ئۈستەل - ئورۇندۇقلار رەتلىك تىزىپ قويۇلۇپتۇ، كىشىلەر پىۋا ئىچكەچ، كاۋاپ يېگەچ، مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىپ، رەڭگارەڭ، زامانىۋى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلىدىكەن. بۇ يەرنى سەيلە قىلىش كىشىنى خۇددى بىر جانلىق خەلقئارالاشقان كوچىدا تىنچ، بىمالال تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان غەربىي دىيار مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمى ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدىكەن. جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ھەر مىللەت ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ، قولتۇقلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يول بويىدىكى چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان گىتار ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى تەيجۇڭدىكى قاۋاقخانا كوچىسىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئېرىمگە زەن قويۇپ قارىغىنىمدا، قەلبىم بەختلىك ئەسلىمىلەرگە تولدى.

  جاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بەزى غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتىدۇ، دەپ ھۇجۇم قىلغانلىقى، قارا چاپلىغانلىقىنى كۆرگەن، لېكىن ھازىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، غەربنىڭ بۇ گەپلىرى پاكىتتىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپتۇ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمىي شەھەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغان نۇرغۇن ھۈنەرۋەن بار ئىكەن، خېلى كۆپ ھۈنەر - سەنئەتكە بەش - ئالتە ئەۋلاد كىشى ۋارىسلىق قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئەجدادلاردىن تارقىلىپ كەلگەن قول ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ھەم ئەنئەنە ئاساسىدا، ئۇنىڭغا زامانىۋى ئېلېمېنتلارنى قوشۇپ، ئەجدادلار قالدۇرغان قول ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۆز قوللىرىدا جۇلالاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. مەن جاڭ خانىمغا مۇنداق دېدىم: ئۇيغۇرلار قول ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ بۇ ۋارىسلىرى ئىزچىل دۆلەتنىڭ يۆلىشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، بەزى قول ھۈنەر - سەنئىتى ئالاقىدار ئاپپاراتلار تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قىلىپ بېكىتىلدى ھەم تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ھەر يىلى يەنە 20 مىڭ يۈەن ئۆگىتىش تولۇقلىما پۇلى ئالىدۇ، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك دەرىجىلىك ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغىمۇ مۇناسىپ ئۆگىتىش تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ. قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ كەسىپلىشىش يولىغا مېڭىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئالغا سىلجىتىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ساياھەتچىلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان يېپيېڭى بەختلىك تۇرمۇش ئېچىپ بەردى، ئۇلار كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ بىر كوچىسىدا بىر خاسلىق بولۇشى، بىر كوچىسىدا بىر كەسىپ بولۇشى دەل كەسىپلەشكەن تەرەققىيات يولى ئېلىپ كەلگەن نەتىجە.

  مەن جاڭ خانىمغا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردىم: قەدىمىي شەھەردىكى ئۆزگىرىش قەشقەر تارىخىنىڭ «جانلىق گۇۋاھچىسى». كوناشەھەر رايونىدا ئىلگىرى بىرمەھەل «يۇندى پارغا ئايلىنىپ تۈگەيدىغان، ئەخلەت شامالدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان، سۇ تۇرۇبىسى تامغا ئېسىقلىق تۇرىدىغان، ھاجەت قىلىشتا ئۆگزىگە چىقىدىغان» تارىخ بار ئىدى، نۇرغۇن ئۆي يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش ئۆلچىمىگە يەتمەيتتى. دۆلەت 2010 - يىلىدىن باشلاپ جەمئىي 7 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر كوناشەھەردىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتتى، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ھەم ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى قوغدالدى، ھەم ئەسلىدىكى قىياپەت، خاسلىق ساقلاپ قېلىندى، ئەنئەنىۋى بازار مەدەنىيىتى داۋاملاشتۇرۇلدى. ئەسلىدىنلا شۇ جايدا تۇرۇشلۇق بەزى ئاھالىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن پايدىلىنىپ كىچىك دۇكان ئېچىپ، خاس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، يەنە بەزى ئاھالىلەر مىللىي خاسلىققا ئىگە يېمەك - ئىچمەك، ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنى كۆرسىتىش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شېنجېن قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ توققۇز يىلدىن بۇيان، شېنجېن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر ۋە تېخنىكتىن جەمئىي 906 كىشىنى ئەۋەتتى، سالغان مالىيە مەبلىغى جەمئىي 8 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى. دەل شېنجېن قاتارلىق جايلارنىڭ پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن ياردەم بېرىشىدە، ئىلگىرىكى يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قايتىدىن جۇلالاندى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەدىمىي شەھەردىكى بىر قىسىم مۈلۈك ئىگىلىرى يەنە شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغانلار بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسى ئېلىش ئارقىلىق، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى، روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.

  جاڭ خانىم مېنىڭ بىر قازاق زىيالىي ئىكەنلىكىمنى ئۇققاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىمنى ۋە شىنجاڭدىكى قازاق مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلدى. مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردىم: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات ئىش ئورنىدا 30 يىلغا يېقىن ئەجىر سىڭدۈرگەن قازاق ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان يېڭى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. مېنىڭ يۇرتۇم ئالتاي بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مائارىپ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، خۇادۇڭ سىفەن داشۆسىگە ئۆتتۈم. تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەندە دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلار ئۈچۈن ئاسپىرانتلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش سىياسىتىگە ئاساسەن، يەنە ئانا مەكتىپىمدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇدۇم. ئالىي مەكتەپتىكى يەتتە يىلدا، مەكتەپ مەندىن ئوقۇش پۇلى ئالمايلا قالماي، يەنە بىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى. خىزمەتكە قاتنىشىپ كۆپ يىللاردىن كېيىن، خىزمەت ئورنۇم مېنىڭ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى پەن باشلامچىسى بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلدى. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلاملىق تايانچ ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ قوللىشىدا، مەن نەنجىڭ داشۆگە كېلىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇدۇم. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتورئاشتى كۆچمە پونكىتىغا كىردىم ھەم دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇش فوندى كومىتېتىنىڭ غەربىي رايون ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئالاھىدە تۈرىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكىغا بېرىپ ئوخېئو ئىشتاتى داشۆسىدە بىر يىل زىيارەتچى ئالىم بولدۇم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىمگە ئوخشاپ كېتىدىغىنى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا يەنە بىر تۈركۈم شىنجاڭدىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىختىساسلىقلار ئاكتىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇلار ھازىر ئۆز ساھەسىدىكى پەن باشلامچىلىرى ياكى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى بولدى، بەزىلىرى ھەتتا خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈندى. مەن دائىم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىپ تۇرىمەن ھەم بۇ خەلقئارالىق يىغىنلاردا دۆلەت ئورتاق تىلى، قازاق تىلى ياكى ئىنگلىز تىلىدا سۆز قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرىمەن، شۇنداقلا دۇنياغا شىنجاڭ قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. دەل دۆلىتىمىز يولغا قويغان قوش تىل مائارىپى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەچكە مېنى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىگە يۈزلەندۈرۈپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دۇنيانىڭ شىنجاڭدىكى قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنى، 70 يىل ئىلگىرىكى ساۋاتلىقلار يوق دېيەرلىك شىنجاڭدىكى قازاق مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيادىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا، مېنىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق مىساللار تولىمۇ كۆپ.

  شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە، مەن جاڭ خانىمغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردىم: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھازىرقى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودىنى پائال يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆزىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. ئىلگىرىكى تاۋار ئېڭى كەمچىل، بېكىنمە، قانائەتچان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ خىل جەمئىيەت ئۆزگىرىشى مىسلىسىز بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 2018 - يىلى 10 - ئايدا، مەن قازاقىستانغا بېرىپ شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتىم، مەن ھازىرقى شىنجاڭ قازاق مىللىتىدە يۈزبېرىۋاتقان غايەت زور ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالغىنىمدا، قازاقىستاندىكى ئالاقىدار زاتلار چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ: «جۇڭگودا ياشاۋاتقان قازاقلار ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەن!» دېيىشتى. مەن ئىتتىكلا: «بۇ، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادەت» دېدىم.

  بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى، سىياسەتۋازلار دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېتىبارسىز قارالدى، دەپ ھۇجۇم قىلدى ۋە قارا چاپلىدى، ئەمما ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ھازىر شىنجاڭدىكى دېھقانلار تېرىقچىلىق قىلسا باج تاپشۇرمايدۇ، ئاشلىق تېرىسا تولۇقلىما پۇلى ئالىدۇ، ئۆي سالسا ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىدۇ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭنى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپ بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى بار، ئۇلار كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. 70 يىل ئىلگىرى، شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاران 30 ياش ئىدى، ھازىر شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 72.35 ياشقا يەتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭدا تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ ياشنىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىۋاسىتە ھېس قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش.

  مەن جاڭ خانىمغا مۇنۇلارنى ئېيتتىم: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى، ۋارىسلىق قىلىندى، تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلار بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمۇۋېلىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتىدۇ، دەپ بىلجىرلاۋاتىدۇ. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، جانلىق پاكىتلار ئالدىدا، بۇ بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرى ۋە زەھەرخەندە ھۇجۇملىرى تولىمۇ بىمەنىلىك ۋە شەرمەندىلىك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ