مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2019.12.02 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ كەسپىي خىزمەتلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن شىركەت ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى شىركەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلى، رولى، پائالىيىتى، ئەۋزەللىكى ۋە رەھبەرلىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ تۈزۈمنى، قوشۇننى، خىزمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى ئىش ئورنىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم سۇپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە خىزمەت تۇتقىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچەپ دەل جايىدا پىلانلاش، دەل جايىدا يولغا قويۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى پائال ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشىگە، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى. شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ