مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاقسۇنىڭ خاس مېۋىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى

2019.12.02 15:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن خەۋىرى): باش قىش پەسلىدە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېۋىلىك باغلاردا مول ھوسۇل مەنزىرىسى پەيدا بولدى، خاس مېۋە-چېۋىلەر قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللار باغلاردىن چىقتى، باغدا كىشىلەر مېۋە ئۈزۈش، خالتا كىيدۈرۈش، ساندۇققا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە شادلىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئالمىلىق باغ مەھەللىسىدىكى بىر باغدا، باغۋەن چېڭ خۇەيلى بىر تەرەپتىن ئوراپ قاچىلانغان ئالمىلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىسا، بىر تەرەپتىن ئىشچىلارنى ئۈزۈۋېلىنغان ئالمىلارنى يەشىككە قاچىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. چېڭ خۇەيلى مۇنداق دېدى: «ئىچكىرىدىكى خوجايىنلار بەك سۈيلەپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئالمىلارنى تېزدىن يولغا سالمىساق بولمايدۇ.»

  بۇ يىل چېڭ خۇەيلى 15 مو يەردىكى ئالمىدىن مول ھوسۇل ئالدى. مەھسۇلات مىقدارى 30 توننىدىن ئاشتى، ئېتىز پەرۋىشى ياخشى بولغانلىقتىن، ئالمىنىڭ دانىسى چوڭ، سۈپىتى ياخشى بولدى، گۇيجوۋدىن كەلگەن سودىگەر ھەر كىلوگىرامىغا 7.5 يۈەندىن باھا قويۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئەكىتىدىغانغا كېلىشىم تۈزدى، شۇڭا چېڭ خۇەيلى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «سەل ئالدىراش بولغانغا، سەل چارچىغانغا ھېچ ئىش بولمايدۇ، دېھقانلار ياخشى ھوسۇل ئېلىشنىلا ئويلايدۇ، كىرىم ئاشسا، تەبىئىيلا خوش بولىمىز» دېدى چېڭ خۇەيلى. ھازىرقى باھا بويىچە بولغاندا، تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، چېڭ خۇەيلى 150 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك چوڭ رايونى بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خاس باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خاس مېۋىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، مەھسۇلات مىقدارىمۇ بارغانسىرى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 455 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، 2018- يىلىدىكى 2 مىليون 362 مىڭ 500 توننىدىن 93 مىڭ 400 توننا ئېشىپ، %3.95 ئاشقان.

  ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭشىن ئالمىسى، چىلىنى، نەشپۈتى قاتارلىقلارنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، تۈرلۈك ئۆزگىچە مېۋىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پىشىشىغا ئەگىشىپ، زور تۈركۈمدىكى سودىگەرلەر ئاقسۇغا كېلىپ، مېۋە-چېۋە كۆرۈپ، زاكاز قىلىش، سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسىدىكى بىر ئالمىلىق باغدا، شاڭخەيدىن كەلگەن سودىگەر مېڭ نا بىر تەرەپتىن ئالمىنى تېتىپ، بىر تەرەپتىن ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈردى. «ئاقسۇنىڭ ئالمىسى ھەم چىرايلىق ھەم تەملىك.» ئۇ 2015- يىلىدىن باشلاپ ئاقسۇدىن قۇرۇق ۋە ھۆل يىمىش سېتىۋالغانىكەن، بۇ قېتىم ئۇ 200 توننىدىن ئارتۇق ئالما ئالىدىكەن.

  چوڭ، چىرايلىق، تەملىك، سۈپەتلىك...ئاقسۇنىڭ خاس مېۋىلىرى شاڭخەيدىن كەلگەن سودىگەر مىڭ نانى جەلپ قىلىپلا قالماي، بېيجىڭدىن كەلگەن سودىگەر لى جيەنيىڭنىمۇ جەلپ قىلدى، ئاقسۇنىڭ خاس مېۋىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن، 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئۇ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بىر دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن 2500 توننا چىلان، ياڭاق، ئالما سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزدى، سېتىۋېلىش سوممىسى 40 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  ئاقسۇنىڭ خاس مېۋىلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغاچقا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 817 مىڭ 960 توننا مېۋە سېتىلىپ، سېتىش سوممىسى 4 مىليارد 583 مىليون يۈەنگە كەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ