خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون قىسمەن يول تىرانسپورت تالون باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن ۋە تۆۋەنلىتىدىكەن.
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن يول تىرانسپورت تالون باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى جاۋاب خەت»نى بېسىپ تارقىتىپ، بىر تۈركۈم يول تىرانسپورت كەسىپلىرىنىڭ تالون باھاسىنى ئېنىقلىدى ۋە ئۇنى تۆۋەنلەتتى. بۇ تەدبىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ قېتىم ئېنىقلاپ تۆۋەنلىتىلگەن يول تىرانسپورت كەسپى تالون باھاسى ئىچىدە 37 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بارلىق تۈرلەرنىڭ %59.68ىنى ئىگىلىگەن؛ 19 تۈر تۆۋەنلىتىلگەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش ھەجمى %31.92 بولۇپ، تۆۋەنلىتىلگەن تۈرلەر بارلىق تۈرلەرنىڭ %30.65ىنى ئىگىلىگەن؛ ئالتە تۈرنىڭ ئەسلىدىكى باھا سەۋىيەسى ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئۇلار بارلىق تۈرلەرنىڭ %9.67ىنى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ