مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13- يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2019.11.29 14:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 - يىغىنى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 53 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى دېلولىرىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن - تۈزۈم كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، مىللەت - دىن - تاشقى ئىشلار - خۇاچياۋلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ